تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قەشقەر ۋىلايىتىدىن 1 مىليون 678 مىڭ توننا مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا كىردى

قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش نەق مەيدانى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ ۋېنبو، مىرزا، پەن يەنخۇڭ، ياڭ جياكۇەن خەۋىرى، فوتوسى): بۇ يىل 2-ئايدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتى  ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا جەمئىي 1 مىليون 678 مىڭ توننا مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات سېتىپ، يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى مول تەبىئىي بايلىق، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، «ئاشلىق، پاختا، مېۋە-چېۋە، باغ-ئورمان، چارۋا مال»دىن ئىبارەت خاس تېرىقچىلىقتىكى ئالتە چوڭ كەسىپ بازىسىنى قۇرۇپ چىققان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەردە 5 مىليون 820 مىڭ مو خاس مېۋە، 1 مىليون 200 مىڭ مو خاس تېرىقچىلىق، 1 مىليون مو كۆكتات، 600 مىڭ مو قوغۇن، تاۋۇز تېرىقچىلىق كۆلىمى شەكىللەنگەن.

  9-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4 مىليون 800 مىڭ توننا بولۇشى مۆلچەرلەنگەن. ئۆز جايىدا سېتىشتىن باشقا، ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا جەمئىي 1 مىليون 678 مىڭ توننا مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات سېتىلغان، يەنە ياڭاق، چىلان، بادام، ئانار قاتارلىقلار ۋە ئەمدى پىشىدىغان كۆكتات قاتارلىقلاردىن 2 مىليون توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى ئارقىلىق زاكازلىق سېتىشتىن باشقا، قەشقەر ۋىلايىتى ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلار، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە، شەھەر، مەركەز بىكىتكەن نۇقتىلىق يۆلەيدىغان يەتتە ئورۇن بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى تېزلەتتى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن قادىر مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىش جەريانىدا، توشۇش ئارىلىقى يىراق بولۇش، توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش ئەڭ زور قىيىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى سىياسەت جەھەتتىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتى «ئىككى تور»ىنى كۈچەپ قۇردى، شەندۇڭ «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش»، شاڭخەي «قوش لىنىيەدە توققۇز جايغا كىرگۈزۈش»، گۇاڭدۇڭ «9 + 3 + 1» ئەندىزىسى، شېنجېن «شېنجېندىكى 100 دۇكان» قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، قەشقەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى 1000دىن ئارتۇق دۇكانغا كىرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش «سىرتقى تور»ى قۇرۇشنى تېزلەتتى. يەرلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبارلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىلىرىغا تايىنىپ، «كەنتتە سېتىۋېلىش نۇقتىسى بولۇش، ناھىيە، شەھەردە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى بولۇش»تەك نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ «ئىچكى تورى»نى شەكىللەندۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكىرى رايونلاردىكى كارخانىلار جىنەن، چىڭداۋ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس سارىيى، مەخسۇس رايونى، مەخسۇس پۇكىيى ۋە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىنى ئورتاق قۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش، توشۇش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى مېۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاشنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنغان.

  «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلاردا ناھايىتى قارشى ئېلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىچكىرى رايونلاردىكى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى مەھەللە، ئورگان، مەكتەپ، بانكا، مېھمانخانا، ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىقلارغا كىردى، سېتىش يوللىرى ياخشى بولدى» دېدى قەشقەر جياڭنەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى پېڭ يوڭجيەن، بۇ كارخانا ئۇدا بەش يىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ساتقان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سېتىش مىقدارى 7000 توننىغا يېقىن بولۇپ، سېتىش مىقدارى يىلمۇيىل ئاشقان.

  تۇرغۇن قادىرنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، 40 يەرلىك كارخانىنى شەندۇڭ تەيشەن، ئەنخۇي خۇاڭشەن قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى تېزلىتىپ، قەشقەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى