تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى

ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى −

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسىغا لايىقلاشقان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى، خەلق كۆڭلىگە ياقتى.

«ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىت ھەقىقىي خاتىرىلىنىپ، جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشتەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى جانلىق نامايان قىلىندى.» شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى دېڭ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئاكتىپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇردى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى بارغانسېرى ئۆستۈردى.

«ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈردى، بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ما جاۋفېڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتتىق تۇتۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئەمگەكچىلەرنى بەھرىلىنىشكە تېگىشلىك تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش، يۆلەش سىياسەتلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرىدۇ.

«بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىلىنىشىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىمىز.» قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى شەھەر، بازارلاردا 87 مىڭ 100 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 89 مىڭ 600 ئادەم قېتىم يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلغانلىقى تونۇشتۇرۇلدى، بۇمۇ شىركىتىمىز ئىزچىل قىلىۋاتقان ئىش.» شىنجاڭ پاكلان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى مياۋ يۇڭ مۇنداق دېدى: «شىركەتتە ھازىر ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىدىن 304ى بار، بىز ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ياتاق ۋە ئىستىراھەت سورۇنى بىلەن تەمىنلەش، مائاشنى ۋاقتىدا تارقىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش، ئارام ئېلىش، دەم ئېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، شىركەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق».

«بۇ يىل يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. مەن مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، <بىرگە بىر> ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردىم» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داشىمىن - شياۋشىمىن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىخې كوچىسى شىمالىي مەھەللە خىزمەتچىسى ئابدۇللا ئەخمەت.

«ئاق تاشلىق كىتابتا سۆزلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسى پاكىت، مەن مەنپەئەتلەنگۈچى.» ئۈرۈمچى جىڭديەن شىجى كارخانا ئوبراز لايىھەلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى خالمەمەت تۇردى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆيۈم ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى سۈگەتلىك كەنتىدە، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ ياردىمىدە، مەن كومپيۇتېر بىلىملىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت تاپتىم، مۇقىم كىرىمىم بار بولدى. مەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئەمگەككە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، لى چۇنشيا، خەن چىنيەن، مېھرىگۈل ناسىر، يۈ شى، جاڭ جىلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى