تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2020- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى)

شى جىنپىڭ

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كېيىنكى ئايدا بېيجىڭدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىندا خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشانغا ئالاقىدار مەسىلىلەر نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلايدۇ.

يېقىندىن بۇيان، مەن بەزى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم ھەمدە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى كەينى - كەينىدىن رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدىم. بۇ قېتىم خۇنەنگە كېلىپ تەكشۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنى سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدىم، ئاساسلىقى كۆپچىلىكنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ باقماقچى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىزنىڭ «13 - بەش يىل»لىق ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا بېكىتىلگەن پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىمىزغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. بىز خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدۇق. يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلىگەندىن كېيىن، بىز دەرھال يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردۇق. 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بىز بېيجىڭدا داغدۇغىلىق تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، جۇمھۇرىيەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى مېدالى بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلىدۇق. مەن يىغىندا سۆز قىلدىم. بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونى، خۇەيخې دەرياسى ئېقىن رايونىدا بىرقەدەر ئېغىر كەلكۈن كېلىپ، ئاساسلىق دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ ئورنى بىرمەھەل ئېھتىيات سۇ ئورنىدىن ئېشىپ كەتتى، بەزى جايلار ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋاقتىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئالاقىدار ئۆلكىلەر، جۈملىدىن خۇنەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى چىڭ تۇتتى. دۇنياغا نەزەر سالساق، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتىمىز. مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى!

مېنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، تۈرلۈك جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەر ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا، كەڭ خەلق ئاممىسى ھامان بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبىلەرنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ غەلىبىسى! خەلق ھەقىقىي قەھرىمان!

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. ياخشى فاڭجېن - سىياسەتلەر ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ھەممىسى جەزمەن خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىشى، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا ۋە ئۈمىدىگە ماس كېلىشى، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشى كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيەمىز مۇھىم فاڭجېن - سىياسەتلەرنى چىقىرىش، مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى، بىردەك ئالاقىدار تارماقلاردىن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، يەنئەن مەزگىلىدىلا، يولداش ماۋ زېدۇڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك»، «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەندىلا، بېكىتىلگەن ۋەزىپىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ» دەپ تەكىتلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇلى «بىرىنچى، تۆۋەنگە نەزەر سېلىش، گىدىيىپ ئاسمانغىلا قارىۋالساق بولمايدۇ»، «ئىككىنچى، تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىش» دەپ قارىغان. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۈگۈن يىغىنغا قاتناشقان ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئىچىدە ھەم يېزا، مەھەللە، كارخانا قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەنلەر بار، ھەم مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سەھىيە، سىياسىي قانۇن قاتارلىق سەپلەردىن كەلگەنلەر بار؛ ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بار، ھەم يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى، تور دۇكىنىنىڭ ئىگىلىرى قاتارلىقلار بار. كۆپچىلىك ھەممىڭلار ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىسىلەر، ئىقتىساد، جەمئىيەت تۇرمۇشىغا ئەڭ بىۋاسىتە قاتنىشىسىلەر، ئامما بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقىلىشىسىلەر، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلالايسىلەر، بەرگەن پىكىر ۋە تەكلىپلىرىڭلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشالايدۇ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ.

باياتىن، كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى پىكىر بايان قىلدى، گەپ ئەگىتمەي، بىۋاسىتە سۆزلەپ، نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى، ناھايىتى جانلىق، ناھايىتى ئەمەلىي بولدى، بۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق. ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى، تولۇق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بىز «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى، قاتنىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، نۇرغۇن پىكىر ۋە تەكلىپلەر يەنە ماڭا قايتما ئىنكاس قىلىندى. ئادەتتە، مەنمۇ ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالىمەن. بۇ پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئومۇمىيلىققا ئىگە، بايا كۆپچىلىكمۇ توختىلىپ ئۆتتى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

تۆۋەندە مەن بىرقانچە پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

بىرىنچى، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، تەرەققىيات ياخشى ھالىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان بىرىنچى بەش يىل. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلەشتى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا ئۇچرىدى، بەزى دۆلەتلەردە يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئالدى، بىز جەزمەن تېخىمۇ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز بولۇۋاتقان دۇنيادا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر بار. قىيىنچىلىق ۋە خىرىس، توسالغۇ ۋە ئۆزگىرىشكە قارىتا، بىز ھەم ئۆزىمىزنى قاچۇرساق، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالساق بولمايدۇ، ھەم ھودۇقۇپ نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالساق، قالايمىقانلىشىپ كەتسەك بولمايدۇ. مەن دائىم: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ كەلدىم. جاپا - مۇشەققەت شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ. ھېچقانداق بىر دۆلەت، مىللەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق، ئېلاستىكلىقى زور، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، ئايلىنىپ ئەسلىگە كېلىش بوشلۇقى كەڭ، سىياسەت قورالى كۆپ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىگە بولغان كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىت ئۆزگەرمىدى. دۆلىتىمىز يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ زور سانائەت سىستېمىسىغا ئىگە، قۇدرەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بار، ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك ئىچكى ئېھتىياج بازىرى بار، سېلىنما ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. پارتىيەمىز جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پارتىيە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى قىلدى. يېقىنقى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز مۇشۇنداق دەپلا قالماي، يەنە ئىزچىل مۇشۇنداق قىلىپ كەلدى. ئۇزۇن سەپەردە، قىزىل ئارمىيە رۇچېڭ ناھىيەسىنىڭ ۋېنمىڭ يېزىسى شاجوۋ كەنتىدىن ئۆتكەندە، قىزىل ئارمىيەمىزدىكى ئۈچ ئايال جەڭچى ئۆزلىرىدە بار بولغان بىرلا يوتقاننىڭ يېرىمىنى كېسىپ يۇرتداشلارغا بېرىپ، «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىنى قالدۇرغان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز باشتىلا خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئەڭ زور چەكتە توسۇش ئۈچۈن، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر دوختۇرلار، ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بايلىقلارنى يۆتكەپ، توپلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇملۇق كېسەلنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كىرىشتۇق، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى پىلانلاشتا، تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر - جاھان تەۋرەپ قالىدۇ. پەقەت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملىگەندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلى ئاندىن پۇختا، مۇستەھكەم بولىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پەسەيتىش - تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا پەسەيتىپ - تۈگىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مول ئەقىل - پاراسەت ۋە چەكسىز ئىجادىي كۈچ بار. كەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە باغلاپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەدىكى ئامما بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە باغلاپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىلىرى ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىش رولىنى تېخىمۇ پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلار ئىلتىپات، سەدىقە قىلىپ بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى كەڭ خەلق ئاممىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدە جاپالىق ئەمگىكى، ئەقىل - پاراسىتى، جاسارىتىگە تايىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق ياراتقان! بىزدەك 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار دۆلەتتە، ھەربىر ئادەم بىر ئۈلۈش كۈچ چىقارسىلا تاغنى تالقان قىلغۇدەك قۇدرەتلىك كۈچنى توپلىيالايدۇ، ھەربىر ئادەم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارسىلا، بىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىر قەدەم ئالغا سىلجىيدۇ. كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلام ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىشنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، كىچىك ئىشنى چوڭ ئىش دەپ قىلىپ، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات رەڭدارلىقىنى يارىتىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىز ۋە گۈزەل كەلگۈسىمىزنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.