تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

لى خۇڭجۇڭ، چېن چۈەنگو، لياۋ گوشۈن، شۆھرەت زاكىر، يىن خېجۈن، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى لياۋ گوشۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چىرا ناھىيەسىنىڭ جىننەن يېڭى كەنتىگە كېلىپ نۇرمەمەت مەتياسىن ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلدى، يوقلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى لياۋ گوشۈن تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يىن خېجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسىگە كېلىپ، كارخانا، يېزا - كەنت، مەكتەپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جاينىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تيەنجىن − شىنجاڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى چىرا ناھىيەسىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تيەنجىن خىزمىتى توغرىسىدىكى «ئۈچكە كۈچەش» مۇھىم تەلىپى ۋە بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «بەشتە زامانىۋىلاشقان تيەنجىن» قۇرۇلۇشى نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان چوڭ مەركىزىي شەھەر قۇرۇش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بايلىق توپلاش، مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش، سىياسەتنى توپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى. شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تيەنجىننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، تيەنجىن خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ.

لى خۇڭجۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا «قوش غەلىبە»نى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىدەك سەمىمىي ھېسسىياتىنى ھېس قىلدۇق.

لى خۇڭجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە يۈكلىگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىزنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىمىز. «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كۈچنى ئاشۇرۇش، چەكلىكلىكنى چەكسىزلىككە بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ سېلىنمىسىنى زورايتىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك كارخانا ۋە كەسىپ تۈرلىرىنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، قان ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىمىز. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، تيەنجىن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، لياۋ گوشۈن تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

تيەنجىن شەھىرى رەھبەرلىرىدىن يۈ يۈنلىن، لى شۇچى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.