تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: جۇڭگو شىنجاڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسەت سىستېمىسى يەنىمۇ تاكامۇللىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتى، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاھالىلەر ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 11 مىليون 352 مىڭ 400 ئادەمدىن ئېشىپ 13 مىليون 301 مىڭ 200 ئادەمگە يەتتى، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 763 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 23 مىڭ 200 يۈەندىن كۆپىيىپ 34 مىڭ 700 يۈەنگە يەتتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 8724 يۈەندىن كۆپىيىپ 13 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە قارىتا، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: 2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى جەمئىي 7 مىليارد 553 مىليون يۈەن كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى؛ 552 مىڭ 400 كىشى 1 مىليارد 695 مىليون يۈەن تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى؛ شەھەر - بازارلاردا 339 مىڭ 700 كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشتى، 41 مىڭ 800 كىشى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، 69 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 31 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشتى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيە نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ھەققى ئېلىش، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش، كەسپىي بىخەتەرلىك، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلدى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام ۋە تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.