تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويمىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا

مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى مائارىپ ئادىللىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەشتە جەزمەن ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى بالىلارنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى توسۇشتىكى مۇھىم يول.

«تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.» ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت يادرولۇق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى.

ئېغىر نامرات ناھىيەلەر

«بىر ناھىيەدە بىر لايىھە بولۇش» بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غۇلام راخمان خىزمەتدىشى بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىسى بىلالجان ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەرس ئۆتتى. بىلالجاننىڭ «ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، ئىككى ئوقۇتقۇچى ھەر ھەپتىدە دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.

«ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بولغاچقا، مەن ئۆيدىمۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيدىغان بولدۇم» دېدى بىلالجان.

بىلالجاننىڭ پۇتى 2 - دەرىجىلىك مېيىپ بولغاچقا، مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيالمايتتى. ھازىر، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى «مائارىپنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنى ئادىل مائارىپتىن بەھرىمەن قىلماقتا.

«ئوقۇتقۇچى دەرسلىك، ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ بەردى، ئۆيگە كېلىپ بالىغا دەرس ئۆتتى، بالامنىڭ كۈلكىسى كۆپەيدى، ھەر كۈنى ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.» بىلالجاننىڭ ئاپىسى تۇرسۇنگۈل ئەخەت مۇنداق دېدى: بالامدىكى ئۆزگىرىش بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈمىدكە تولدۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.

ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشسىز قالماسلىقى، ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار - ئۆسمۈرلەرنى بىلىم ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاش، نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىم يولى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئائىلە قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى كۈچلەرگە چېتىلىدىغان بىر مەيدان ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە ئايلاندى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە «بىر ناھىيەدە بىر لايىھە بولۇش» ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق ئوقۇش باسقۇچىنى چىڭ كۆزلەپ، كۆزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، بىر - بىرلەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يولىدا «بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ 4510غا، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 3 مىليون 584 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.51 بولغان.

ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئاسانلاشتى

نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىلىق مەركىزىي مەكتىپى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. مەكتەپ ئەتراپتىكى سەككىز كەنتتىكى دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ 1000دىن ئارتۇق پەرزەنتىنى تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خاستېر ئەكىمتوقتاۋ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئوقۇغۇچى.

خاستېرنىڭ ئۆيى مەكتەپتىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توپچىن كەنتىدە بولۇپ، ئاتا - ئانىسى چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، ئائىلىسىدە بىر مېيىپ ئاچىسى بار بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە تەۋە ئىدى. دۆلەتنىڭ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراتقان «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» قاتارلىق غەمخورلۇق سىياسەتلىرىدىن مەنپەئەتلەنگەچكە، خاستېر مەكتەپتە تاماق، ياتاققا پۇل خەجلىمەيدۇ. كېلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ نىشانى ناھىيە بازىرىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈش.

«بالا مەكتەپتە بولسا، بىز ناھايىتى خاتىرجەم بولىمىز.» ئۆتكەن مەۋسۇمدا، خاستېرنىڭ دادىسى ئەكىمتوقتاۋ بۇلجاي ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، «مەكتەپنىڭ شارائىتى بەك ياخشى ئىكەن» دەپ ماختىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قىشتا تاغدا قار قېلىن، يول تېيىلغاق بولغاچقا بىخەتەر ئەمەس، بالام مەكتەپتە ياتسا مەكتەپ تامىقى، ياتىقى، ئۆگىنىشىگە ئىگە بولىدىكەن، ئاغرىپ قالسا يەنە مەكتەپ دوختۇرى بار ئىكەن، ھەقىقەتەن ياخشى دەۋرگە ئۇلىشىپتۇق».

بۇ بىرنەچچە يىلدا، قاراسۇ يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ مەكتەپ ياتىقى، تەنتەربىيە مەيدانى، ئاشخانا قاتارلىقلارنى يېڭىدىن سالدى، مەكتەپ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. كېلەر يىلى، مەكتەپ يەنە يېڭىدىن بىر ياتاق بىناسى سېلىپ، ئېھتىياجى بار تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىدۇ.

يېزا - بازاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر ۋە يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ (ئوقۇتۇش نۇقتىسى)لەر چەت، ياقىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ يىراق بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشى تەس بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە بولسۇن، بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كاپالەتكە ئىگە مەكتەپلەردە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە.

ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر ۋە يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر ۋە يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى»نى چىقىرىپ، مەكتەپ قۇرۇش، ئاشخانا - ياتاق، مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتى قاتارلىقلارغا قارىتا تېخىمۇ كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قولايسىز بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچى جەمئىي 880 مىڭ 500 كىشىگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 153 مىڭ 400 كىشى كۆپەيدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ياتاق كۆلىمى 6.01 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ياتاق كۆلىمى 6.72 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.

ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇش، ياخشى ئوقۇش بۇنىڭ ھەممىسىدە ئادىللىق ئېنىق نامايان بولدى.

دەل جايىدا مەبلەغ ياردىمى بېرىش

ياخشى تەربىيە ئارزۇنى يورۇتتى

خىش قۇيۇش، قوپۇرۇش، كېسىش، سۇۋاق سۇۋاش... 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى بىر تەربىيەلەش مەكتىپىدە، 23 ياشقا كىرگەن مېھرىبۇللا مۇتەللىپ بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن تېخنىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەسكەرتىۋاتاتتى.

مېھرىبۇللا شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇلتۇر، ئۇ مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت چوڭ مۇسابىقىسىنىڭ تامچىلىق تۈرىدە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەكتەپ پۈتكۈزۈشكە يەنە بىر يىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئادەم ئىشلەتكۈچى بىر نەچچە ئورۇننىڭ كۆزى چۈشتى، ئۇ يازلىق تەتىلدىمۇ بىكار قالمىدى. يېقىندا، ئۇ دەم ئېلىپ ئۆيىگە قايتقاندا، ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان 2000 يۈەن نەق پۇلنى ئاتا - ئانىسىغا بەردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭدىن خېلى كۈنلەرگىچە خۇش بولدى.

مېھرىبۇللانىڭ ئاتا - ئانىسى دېھقان، ئۆيىدە يەنە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىنى - سىڭىللىرى بار بولۇپ، يۈكى بىرقەدەر ئېغىر ئىدى. تەلىيى كەلگىنى، مەكتەپتىكى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ياتاق پۇلى، كىتاب پۇلى، ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنغاندىن سىرت، ھەر يىلى يەنە 2000 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.

«دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردىمى بېرىش ياخشى سىياسىتى ۋە مەكتەپنىڭ تەربىيەلىشى بولمىغان بولسا، بالام نەدىمۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش، يەنە كاتتا مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسۇن» دېدى مېھرىبۇللانىڭ دادىسى مۇتەللىپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا ئوغلىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ.

دۆلەتنىڭ مەبلەغ ياردىمى بېرىش سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يەسلى مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە بولغان ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئوقۇش مۇكاپاتى، ئوقۇش قەرز پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش تولۇقلىمىسى، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش، ئوقۇش ھەققىنى كېمەيتىش، ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش» ۋە يېشىل يول ئېچىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەبلەغ ياردىمى ئومۇمىي سېلىنمىسىنى يىلمۇيىل ئاشۇردى.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ ياردىمى بېرىشكە سېلىنغان مەبلەغ 2007 - يىلىدىكى 136 مىليون يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 7 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلگەن. مەبلەغ ياردىمى بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2007 - يىلىدىكى 155 مىڭ ئادەم قېتىمدىن 2019 - يىلىدىكى 5 مىليون ئادەم قېتىمغا كۆپەيگەن.

كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ ياردىمى بېرىش سىياسىتىنىڭ ئىللىقلىقى، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ ئىللىق نۇرىنىڭ ھەممە يەرگە چېچىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

«مەكتەپنىڭ داشۆگە يېڭى كىرگەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېشىل يول ئاچقانلىقىنى، ئاۋۋال مەكتەپكە كىرسەك ئاندىن مەبلەغ ياردىمى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى ھەم ئىللىدى» دېدى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆيى قورغاس ناھىيەسىدىكى داشۆگە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچى توڭ جيانى.

مېھرىبۇللا، توڭ جيانىغا ئوخشاش ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە ئوقۇشتىن غەم قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «دەل جايىدا مەبلەغ ياردىمى بېرىش» ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ ياردىمى بېرىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىدۇ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، يېتىم، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق يەتتە تۈردىكى كىشىلەر توپىنى مەبلەغ ياردىمى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەل جايىدا مەبلەغ ياردىمى بېرىشنى ئادەمگىچە نەقلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىستېرېئولۇق مەبلەغ ياردىمى بېرىش باھار يامغۇرىدەك نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، ياخشى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئارزۇ نۇرلىرىنى چاقناتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى