تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باج ئىدارىسى: كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋتاۋ، ۋاڭ يۈن خەۋىرى): «ھازىر كۈندە بەشتىن يەتتىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش ئاپتوموبىلىمىز، 15 نەپەر يەتكۈزۈپ بېرىش خادىمىمىز پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ. يەتكۈزۈپ بېرىش دائىرىسى ھەرقايسى چوڭ ئاشلىق، ياغ توپ سېتىش بازارلىرى، ھەرقايسى ئورگان، ئورۇن، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلارنىڭ ئاشخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر كۈنى يەتكۈزۈپ بېرىش مىقدارى 100 توننىدىن 150 توننىغىچە بولۇۋاتىدۇ» دېدى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» ئۇن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى خۇ جىيوڭ.

  «1-ئاۋغۇست» ئۇن شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئۇن زاپاس ساقلاش ئورنى بولۇپ، نورمال تىجارەت قىلىش-قىلالماسلىقى پۇقرالارنىڭ «ئاشلىق»ىغا مۇناسىۋەتلىك. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باج ئىدارىسى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، بۇ شىركەت 485 مىڭ 700 يۈەن يەر ئىشلىتىش بېجى ۋە ئۆي-مۈلۈك بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇپ، مەبلەغ بېسىمى يېنىكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى نورمال قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باج ئىدارىسى 2-باج شۆبە ئىدارىسىنىڭ كادىرى ما يۈنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز بىرىنچى ۋاقىتتا تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئارزۇ-تەلىپىنى ئىگىلەپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى دەل جايىدا تەشۋىق قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىلەندۈرۈپ، سىياسەت پايدىسىنىڭ شۇ ھامان كارخانىلارغا بىۋاسىتە بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

  دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى، ئامباردا ساقلاش مۇلازىمىتى، يۈك تەقسىملەپ توشۇش، دۆلەت ئىچى تېز يەتكۈزۈش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە، كەسپى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغانىدى، باج تارماقلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشى بىلەن، كارخانا كەسىپلىرىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى. «بۇ يىل، بىز 599 مىڭ 500 يۈەن باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولدۇق، بۇ كارخانىمىزنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى خېلى يېنىكلەتتى.» دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ رايونى مالىيە مەسئۇلى جاڭ چۈەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك مال تارقىتىش مىقدارى 1500 توننىغا، تېز يوللانما مىقدارى 80 مىڭغا يېقىنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى