تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مىرزاتنىڭ ئارزۇسى: يۇرتداشلىرىنى گۈل ئۆستۈرۈپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈۋېتىشكە يېتەكلەش

  مىرزات خوتۇنى زورەم بىلەن گۈل ئېتىزىدا سەيلە قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) «بۇ مەن تاللىغان ئەتىرگۈل سورتى، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى مەن ئۇلارنى ئېلىپ مۇياڭ گۈل كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىمەن، ئالدىراشچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭغا قايتىپ كۆپچىلىكنى يوقلايمەن! شىنجاڭنى سېغىندىم ...» 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، مىرزات ئۆمەر مەستانىلىرى بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئېكراندا، ئۇ جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھىرى مۇياڭ ناھىيەسى زاشيا بازىرىدا شىنجاڭلىق مەستانىلىرى ئۈچۈن بەرپا قىلغان «خىيالىي دۇنيادىكى گۈللۈك باغچە»دە ئىدى. بىر تەرەپتىكى 56 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گۈللۈك كارىدور پۈتۈن مەملىكەتتىكى 56 مىللەتنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلغانىدى.

  مىرزات خوتۇنى زورەم بىلەن گۈل شاخلىرىنى پۇتىماقتا.

  بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن مىرزات زاشيا بازىرىدا 20 مو يەرگە 100 نەچچە خىل ئەتىرگۈل تېرىغان بولۇپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 3 مىليون يۈەندىن ئاشاتتى. ئاۋۋال بېيىغان مىرزات يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى بارىن بازىرىغا قايتىپ كېلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈشنى ئۆگەتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 700 ئائىلىدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 100دىن ئارتۇق ئائىلە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، 50 نەچچە ئائىلە شۇڭا نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى.

  «مەن گۈلنى ياخشى كۆرىمەن، دەسلەپتە بىر چوڭ گۈللۈك باغچە بەرپا قىلىپ، ئەتىرگۈل بىلەن تولدۇرۇپ، باغچىنى ئەتىرگۈل ھىدىگە تولدۇرۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، ھازىر بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى» دېدى مىرزات، ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئارزۇسى «يۇرتداشلىرىنى باشلاپ گۈل ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش».

  مۇياڭ ناھىيەسى زاشيا بازىرىدا، مىرزات خوتۇنى زورەم بىلەن تېرىلغۇ بازىسىدا ئەتىرگۈللەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

  ئۇ نەچچە قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق زاشيا كەنتىدە يىلتىز تارتتى

  «22 يېشىمدا شىنجاڭدا گۈل دۇكىنى ئاچقانىدىم، كېيىن گۇاڭجوۋدا نۇرغۇن يىل گۈل-گىياھ توپ سېتىش سودىسى قىلدىم، مەن كۆچەتلەرنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا مۇۋاپىق جاي تېپىپ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى بازىسى قۇرۇپ، ئەتىرگۈل بىلەن تولغان <خىيالىي دۇنيادىكى گۈللۈك باغچە> بەرپا قىلىشنى ئويلايتتىم» تېلېفوندىكى پاراڭدا ئەتىرگۈل تىلغا ئېلىنغاندا، مىرزاتنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپلا كەتتى.

  نېمە ئۈچۈن مۇياڭدا ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى بازىسى قۇرۇشنى تاللىدىڭىز؟ مىرزات مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا ئالتە يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىم داڭقىنى ئاڭلاپ زىيارەتكە كېلىشىم سەۋەب بولدى.

  2014-يىلى، مىرزات «مايسا-كۆچەت ماكانى» دەپ نام ئالغان مۇياڭ ناھىيەسىگە مال كىرگۈزگىلى كەلدى. بۇ يەردە، ئۇ ئەتىرگۈل سورتىنىڭ موللىقىنى، مايسا-كۆچەت تىكىش تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى ئىلغارلىقىنى، گۈلگە ئامراق كىشى ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ گويا «بەخت گۈللۈكى» ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  مىرزات خوتۇنى زورەم بىلەن گۈل شاخلىرىنى پۇتىماقتا.

  «مايسا-كۆچەت بازىرى چوڭ، قاتناش قولايلىق، ئەشيا ئوبوروتى كەسپى تەرەققىي قىلغان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەتىرگۈل ۋە مايسا-كۆچەت كەسپىنى قوللايدۇ» دېدى مىرزات، شۇ چاغدا ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى، بىراق ئورۇن تاللاشتا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايتتى. ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى بازىسى قۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇ تۆت ئەتراپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خېنەن نەنياڭ، شەندۇڭ ۋېيفاڭغا باردى، ئاخىرىدا يەنىلا مۇياڭدا قېلىشنى تاللىدى.

  «ئۇ بەك ئىنچىكە، مايسا-كۆچەتلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، تېرىلچىلىق بازىسى قۇرۇش ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ ئىش بولۇپ، ئورۇن تاللاشتا ھەر تەرەپتىن سېلىشتۇردى، بىر نەچچە يىل ئايلىنىپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا مۇياڭنى مۇۋاپىق ھېس قىلدى. مەن ئۇنى قوللايمەن، بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ كەسپى» دېدى مىرزاتنىڭ خوتۇنى زورەم تۇرسۇن.

  2019-يىلى 3-ئايدا، مىرزات بىلەن زورەم مۇياڭ ناھىيەسىنىڭ زاشيا بازىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى مىرزات شۇ جايدا ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى بازىسى قۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئەتراپتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىدىن گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ، تېرىپ يېتىشتۈرگەن ئەتىرگۈللەرنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۆگىنىپ، سېتىش يوللىرىنى ئاستا-ئاستا كېڭەيتتى.

  20 مو يەرگە ئۇنىڭ يۇرتىغا بولغان سېغىنىشى سىڭگەن

  مىرزاتنىڭ ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى بازىسى سۇچيەن مۇياڭ ناھىيەسىنىڭ زاشيا بازىرىدىكى بىر يول بويىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 20 موغا يېقىنلىشىدۇ. گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق بۇ يەردە مىرزاتنىڭ نۇرغۇن ئوي-خىياللىرى بار ئىدى.

  20 موغا يېقىن، بىر سۇڭ تۇپراق ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك جايدا، مىرزات بىر قانچە ئالاھىدە رايوننى قالدۇردى: 56 مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان 56 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گۈل كارىدورى بار، يۇرتىنىڭكىگە تەقلىد قىلىنغان پارنىك بار، يەنە شىنجاڭدىكى مەستانىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن شىنجاڭ گۈللۈك باغچىسى بار، ھەممە يەر مىللىي خاسلىق ۋە ھېسسياتقا تولغانىدى.

  «مەن شىنجاڭدا تۇغۇلدۇم، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، شىنجاڭدا تۇغقانلىرىم، دوستلىرىم بار. مەيلى نەگىلا باراي، يەنىلا شىنجاڭغا قىيالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، مەخسۇس لايىھەلەنگەن بۇ ئېلېمېنتلارغا يۇرتۇمنى سېغىنىش ھېسسىياتىم سىڭگەن» دېدى مىرزات، ھەر قېتىم يىراق يۇرتۇمدىكى قىزىم ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكىنىمدە، يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئەگىپ ئۆتەلمەيدىغان تېما بولۇپ قالىدۇ.

  مىرزات شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى يېنىدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. «مى تاغام ئىنتايىن قىزغىن، ئادەتتە ئەر-خوتۇن ئىككىسى قانداق خاس يېمەكلىكلەرنى ئەتسە بىزگە تېتىتىدۇ، ئۇلار ئىنتايىن كەمتەر، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن. بىز بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە بەك ئامراق» دېدى مىرزاتنىڭ ئەتراپىدىكى كۆچەت تېرىقچى ئائىلىسى فاڭ چۈەنلىن.

  شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مىرزات خوتۇنى بىلەن دائىم يىل ئاخىرىدا ئۆزىگە دەم ئېلىش بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ چاغان ئۆتكۈزۈپ كەلدى. «گەرچە زاشيا بازىرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولساقمۇ، ئەمما چاغاندا چوقۇم ئۆيگە قايتىشىمىز كېرەك» دېدى مىرزات سۆزلەۋېتىپ، خۇرسىنغان ھالدا: «ئۆينى سېغىندىم» دېدى.

  «گۈللۈك كۆۋرۈك» ياساپ، يۇرتداشلىرىنى بېيىش يولىغا باشلاش

  مۇشۇ يىللاردا مىرزات گۈل تېرىغاندىن باشقا يەنە بىر ئىشقا كۈچ چىقاردى —— تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىنى ئەتىرگۈل تېرىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

  «كۆچەت تىكىشنىڭ كىرىمى ئادەتتىكى دېھقانچىلىق ئېتىزىنىڭ كىرىمىدىن يۇقىرى، مەن گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش كەسپىدىن نەپ ئالدىم، مەن ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارغا ئۆگىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مىرزات.

  مىرزات (سولدىن ئىككىنچى) بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى زورەم (ئوتتۇرىدا) ئۆگىنىشكە كەلگەن يۇرتداشلىرىغا گۈل-گىياھ ۋە دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ زاشيا بازىرىدا «خىيالىي دۇنيادىكى گۈللۈك باغچە» قۇرغاندىن كېيىن، زاشيا بازىرى بىلەن پەيزاۋات ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدا بېرىپ-كېلىپ، سىرتتا ئۆگەنگەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە تىجارەت ئۇقۇمىنى يۇرتىدىكى دېھقانلارغا ھەقسىز ئۆگەتتى.

  ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، مىرزات ۋېيشىن سۇپىسى ئېچىپ، ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق تەسىراتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈش جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە مىرزات 10 مىڭ مەستانىسى بار «ۋاڭخۇڭ رىياسەتچى» بولۇپ قالدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە مەستانىلىرى ئۇنى «مى تاغا» دەپ چاقىرىدۇ.

  مىرزات خوتۇنى زورەم بىلەن ئۆزىنىڭ «خىيالىي دۇنيادىكى گۈللۈك باغچە»سىدا توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بارماقتا.

  «ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەن ئالدىراشچىلىقنى تۈگىتىپ شىنجاڭغا قايتىمەن، بۇلتۇر ئاپتوموبىل ھەيدەپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئەتىرگۈل تېرىماقچى بولغان دېھقانلارنىڭ ئۆيىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقتىم، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگەتتىم» دېدى مىرزات. بۇنىڭدىن سىرت، بىر قىسىم يۇرتداشلار زاشيا بازىرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈشنى ئۆگەنگەن.

  «تېخنىكا ئۆگەنگىلى كەلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ بېرىپ-كېلىش يول كىراسىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىمەن، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇسىنى ھۆددىگە ئالغاندىن باشقا يەنە تۇرمۇش خىراجىتى بېرىمەن، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن قالسىمۇ بولىدۇ، شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەنلىرىنى مايسا-كۆچەت، مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيمەن» دېدى مىرزات، ھەر يىلى ئەتىيازدا، ئۇ كۆپچىلىككە ھەقسىز گۈل مايسىسى تارقىتىپ بەردى.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ھوشۇر بارات ئەتىرگۈل تېرىماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخنىكىسى بولمىغاچقا زىيان تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. مىرزات ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قىممىتى 3000 يۈەنلىك گۈل مايسىسى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە قولمۇقول تېخنىكا ئۆگەتتى. مىرزاتنىڭ: «خاتىرجەم ئۆستۈرگىن، زىيان تارتساڭ ماڭا ھېساب» دېگەن سۆزى ھوشۇرنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە، تۆت ئايدىن كېيىن ھوشۇرنىڭ گۈل مايسىلىرى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا سېتىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە مىرزاتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 700 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق دېھقان ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، 50 نەچچە ئائىلە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈۋەتتى.

  «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا، ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈش ئارقىلىق «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈۋەتكەنلەر چوقۇم داۋاملىق كۆپىيىدۇ» دېدى تېلېفوندا مىرزات تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن. (سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى