تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو خۇيجيا دەۋر مەيدانىدا بازار تەمىناتى، تاۋار باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، بازاردا سېتىش، مائاش كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ ئەلالىشىشقا، كۈچىيىشكە ئىلھاملاندۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنى بىرگە بىر، يۈزتۇرا، ھەر تەرەپلىمە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ مەلۇم تۈر قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، چېن چۈەنگو تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن تۈرنى پىلانلاپ، تۈرگە تۈرتكە بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

خۇيجيا دەۋر مەيدانىدا، چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرى، سودىگەرلەر ۋە مال سېتىۋېلىش، ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، بازار تەمىناتى، تاۋار باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىستېمالچىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، تەمىنلەش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقسىز يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن تىيانشان شىمىن خەلققە قولاي بازىرىغا كېلىپ، ھەر مىللەت سودىگەرلەر، باشقۇرغۇچى خادىملاردىن تىجارەت كىرىمى، بازار باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پائال سۇپا قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش؛ ھېسسىيات بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن مۇلازىمەت باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سەھىيە ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك پۇقرالار بازىرىنى خەلققە تېخىمۇ قولايلىق، خەلققە تېخىمۇ پايدىلىق، خەلققە تېخىمۇ نەپ يەتكۈزىدىغان قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، سېلىنما، ئىستېمال، ئېكسپورتنىڭ ماسلىشىپ كۈچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماسلىشىشچانلىق، قاراتمىلىقنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ، تىجارەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ قوللىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، قىلچە تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاۋ چىڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.