تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارشى يۆنىلىشتە مېڭىش جەريانىدا ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش

زاڭ شياۋلى:

قارشى يۆنىلىشتە مېڭىش جەريانىدا ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ مېڭرەن

«يۇقۇم مەزگىلىدە ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ چېنىقتۇق ۋە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۇق.» 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، زاڭ شياۋلى يىگىتى ۋاڭ لېي بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىككى قېتىم قارشى يۆنىلىشتە ماڭغانلىقىنى ئەسلەپ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدى.

24 ياشلىق زاڭ شياۋلى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى، ئۇ ئەسلىي ۋاڭ لېي بىلەن 8 - ئايدا تىزىملىتىپ توي قىلىشنى پىلانلىغانىدى. 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەھەللىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى، توي ئىشىنىمۇ شۇ سەۋەبتىن قويۇپ تۇردى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، زاڭ شياۋلى شاڭخەي يولى غەربىي 2 - كوچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، 40 ئائىلىلىك ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ھەر كۈنى سائەت 10دىن ئىككىنچى كۈنى سەھەرگىچە ئالدىراش بولدى، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى، دورا يەتكۈزۈپ بەردى...

ۋاڭ لېي شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچى خادىمى، ئۇنىڭ خىزمىتى كېچە - كۈندۈز دېمەي ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزىتىش بولۇپ، پىرقىرغۇچتەك ئالدىراش يۈرەتتى. ئۇ ئىككىسى ۋاقىت چىقىرىپ تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا پۇختا ئىشلەپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«مەن كونا ئولتۇراق رايوندا مۇلازىمەت قىلىمەن، ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار. يۇقۇم مەزگىلىدە مېنىڭ خىزمىتىم ئۇلارنى دەل جايىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا دورا سېتىۋېلىش، دورا يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلار بولدى.» زاڭ شياۋلى مۇنداق دېدى: ياش بولغاندىكىن كۆپرەك بەدەل تۆلىشىم، كۆپرەك تۆھپە قوشۇشۇم كېرەك.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاھالىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زاڭ شياۋلى دەرھال كۆكتات دۇكىنىغا بېرىپ كۆكتات سەپلەشكە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئاتلاندى، ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 30 كىشىلىكتىن ئارتۇق كۆكتات سەپلەپ بولغاندىن كېيىن، قول ھارۋىسى بىلەن دەنيۇەن ئىشىكى ئالدىغا ئاپىرىپ، ئاندىن پەلەمپەيدىن چىقىپ ھەربىر ئۆيگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ تۇرۇۋاتقان مەھەللىدىكى بىنالارنىڭ ھەممىسى كۆپ قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆي بىناسى بولۇپ، جەمئىي ئالتە قەۋەت ئىدى، ئۇ دائىم 10 كىلوگىرامغا يېقىن ماددىي ئەشيانى كۆتۈرۈپ بىناغا چىقىپ مال يەتكۈزۈپ بەردى، ھەر قېتىم كۆكتاتلارنى توشۇپ بولغاندىن كېيىن چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتەتتى.

زاڭ شياۋلى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىللىقلىق كىچىككىنە مەھەللىگە مۇجەسسەملەنگەن، مەن مەھەللە خىزمەتچى خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن زىممەمدە مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەكلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەتچان بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق دەي ھەدىگە دورا سېتىۋېلىپ يەتكۈزۈپ بەردى، يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن سىنلىق سۆزلىشىشىگە ياردەم بەردى، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ئېلىپ بەردى...

ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئاددىي ئىشلار زاڭ شياۋلىغا تەسىر قىلدى. بوش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ ئىككىسى خىزمەت جەريانىدا يولۇققان ئىسسىق - سوغۇق، جاپا - مۇشەققەتلەردىن تەڭ بەھرىلەندى، ئۇلارنىڭ بەخت دېگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

«چوقۇم مۇداپىئەنى ياخشى قىلىڭ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماڭ.» بۇ ۋاڭ لېي ھەر كۈنى قىز دوستىغا تاپىلايدىغان گەپ ئىدى. ۋاڭ لېي ھەر قېتىم زاڭ شياۋلىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ پەلەمپەيدىن چىقىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئىچى ئاغرىپ كېتەتتى.

«ھەقسىز ھورداققا چۈشۈپ ئورۇقلىغان بولاي.» زاڭ شياۋلى چاقچاق قىلىپ ۋاڭ لېيغا تەسەللى بەردى. 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇخلاش ئالدىدا، زاڭ شياۋلى يىگىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن «جەڭ مەيدانىدىكى مۇھەببەت خېتى» يازدى، ئىككى قېتىملىق يۇقۇمدا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىش جەريانىدا ۋاڭ لېي زاڭ شياۋلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدى.

«بۇ خەتنى نۇرغۇن قېتىم ئوقۇدۇم، ھەربىر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ماڭا ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ئاتا قىلدى.» ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: «كەلگۈسى تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن، ئورتاق غايىمىز ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى