ھەممە ماھىر جۇڭگولۇق بولغان شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا نەنتۇڭ جىيۈن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى يېرىم يىل ساقلىغاندىن كېيىن، ئاخىرى 2020-يىللىق مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىلىق مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى مۇسابىقە تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتى. شۇ كۈنى، چاڭجوۋ مۇسابىقە رايونىنىڭ بىرىنچى باسقۇچتىكى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ھەممە ماھىر جۇڭگولۇق بولغان شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن نەنتۇڭ جىيۈن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
«ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى ياخشى بولدى، لېكىن كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىشتىكى نۇقتا توپ پۈتكۈل مۇسابىقە ھالىتىنى ئۆزگەرتتى، كوماندىدىكى ئۈچ نەپەر ماھىر جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە تۇنجى قاتناشقان ماھىرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، مەيلى نەتىجىسى قانداق بولسۇن مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ بولدى.» مۇسابىقىدىن كېيىن، باش تىرېنېر فېرناندو كوماندىنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولدى، ئەمما نۇقتا توپنىڭ مۇسابىقە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈزۈمىگە ئوخشاش، بۇ يىل جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى 18 كوماندىنىڭ ھەممىسى چېڭدۇ، مېيجوۋ، چاڭجوۋدىكى ئۈچ مۇسابىقە رايونىدا گۇرۇپپىلار بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، بىرىنچى باسقۇچتىكى مۇسابىقە جەمئىي 10 ئايلانما مۇسابىقە (جەمئىي 90 مەيدان مۇسابىقە) بولۇپ، ھەرقايسى مۇسابىقە رايونىدىكى ئالدىنقى ئىككىنچى بولغان ئالتە كوماندا ئىككىنچى باسقۇچتىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئاتلىنىش گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ، قالغان 12 كوماندا ئىككى دەرىجە ساقلاش گۇرۇپپىسىدا يەككە ئايلانما رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىنى تاماملايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چېمپىيون بولغان كوماندا بىۋاسىتە كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ئىككىنچى بولغان كوماندا بىلەن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 15-بولغان كوماندا بىلەن قوشۇمچە مۇسابىقىدە رىقابەتلىشىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئىككىنچى نامزاتنى تالىشىدۇ، ئىككى دەرىجە ساقلاش گۇرۇپپىسىدىكى كېيىنكى ئىككى رەتكە تىزىلغان كوماندا ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىش (ئىككى مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ) ئارقىلىق، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن ئىككى كوماندىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.