تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باي ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى «تەجرىبە ئېتىزى» تېرىپ كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ چىۋېي خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى 8-گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن يېزىسى كوناشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۇرالغۇسىغا كىرگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدا ئالدى بىلەن ياپيېشىل كۆكتاتلىق نامايان بولدى. ھەم قىزىل، ھەم چوڭ شوخلا، راسا چۈشكەن لازا، پېلەكلەرگە ئېسىلغان دۇجۇر، ياپيېشىل كوڭشىڭسەي...قارىغان كىشى زوقلانماي قالمايتتى.

  «خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ كۆكتاتلىقى ھەققىدە سۆزلىسەك، ئۇنىڭ پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپ بولدى، كۆكتات يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئويناپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ما دېيى.

  كوناشەھەر كەنتىدە ئادەم كۆپ يەر ئاز، سانائەت كارخانىسى يوق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى چەكلىك. قانداق قىلىپ ئۆز ئەۋزەللىكىنى قېزىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇش خىزمەت ئەترىتى ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى نەزەرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىگە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئالدىدىكى يېرىم مو بوش يەرنى «تەجرىبە ئېتىزى»غا ئۆزگەرتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆكتات تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى ھەم مول ھوسۇلدىن كېيىنكى نەتىجىنى نامايان قىلدى.

  ھەرقېتىم كەنت ئاھالىلىرى خىزمەت ئەترىتىگە كەلگەندە، ما دېيى ئۇلارغا ھەر كۈنى ئۈزگەن كۆكتاتنى ئاساس قىلغان ھالدا ھېسابات قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن باھا بويىچە كۆكتاتلىقتىن كىرىدىغان كىرىمنى ھېسابلاپ بېرەتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۈندىلىك كۆكتاتلىرىنى كۆكتاتلىق تەمىنلەيتتى، سىرتتىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق تېجىلىپ قالاتتى. خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە 14 مىڭ يۈەنلىكتىن كۆپ كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى، يىغىپ ئېيتقاندا بۇ كىچىك كۆكتاتلىقتىنلا تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولاتتى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، بەس-بەستە خىزمەت ئەترىتىدىن كۆكتات تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

  «بۇ يىل ھويلامغا بەسەي، لازا، دۇجۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدىم، ئۆزىمىز يېگەندىن باشقا، يەنە 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ياخشىكەن» دېدى كەنت ئاھالىسى مەمەت ئەلىشىر.

  پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئالىم ئابلا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«خىزمەت ئەترىتىنىڭ كىچىك كۆكتاتلىقى ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى ‹ئۈلگە كۆرسىتىش كۆكتاتلىق›ى بولۇپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ‹ۋىۋىسكا تۈر› بولدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرسىتىش، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى