تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تۆتكېزەك ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خاتىرىسى

تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىل مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىش يولىدا(9-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە، جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى چوڭيى ناھىيەسى شاڭباۋ يېزىسى شاڭباۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋۇ نيەنيوۋنىڭ خوتونى ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا تۆتكېزەك قىز تۇغدى. «ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇشى بەئەينى چۈشتەكلا تۇيۇلىدۇ».

  ۋۇ نيەنيوۋ بالىلىرىغا ۋۇ مېڭتىڭ، ۋۇ مېڭلىڭ، ۋۇ مېڭيۈن، ۋۇ مېڭچىن دەپ ئىسىم قويدى. ئەمما  ۋۇ نيەنيوۋ ئېغىر غەمگە پاتتى، «مەن خوتۇنۇم بىلەن ئىلگىرى گۇاڭدۇڭدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتۇق، بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىشلىگىلى بارالمىدۇق، ئائىلىمىزنىڭ ئاران ئۈچ مو يېرى بار، باشقا كىرىمىمىز يوق، بالىلارغا سۈت پاراشوكى ئالىدىغان پۇلنىمۇ ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن يىغىش قىلاتتۇق».

  تۆت بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان، تۆتكېزەكنىڭ ئۈچىنچىسى تۇغۇلغاندا ئاران بىر كىلوگىرام كېلەتتى؛ چوڭى تۇغما ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يېرىق دەپ گۇمان قىلىنغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە ھەققىگە 100 نەچچە مىڭ يۈەن كېتەتتى. «مەن ئەينى ۋاقتتا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بولۇپ قالغانىدىم، ھەقىقەتەن تەس كەلگەنىدى» دېدى ۋۇ نيەنيوۋ.

  يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى مېھرىبان زاتلارنىڭ ياردىمىدە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئەڭ قىيىن ئىككى يىلنى ئاخىرى ئۆتكۈزۈۋالدى. بالىلار سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن، ۋۇ نيەنيوۋ ۋاقتى بولسىلا ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپتى. يېزىدىن تۆتكېزەككە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بەردى، يەنە ۋۇ نيەنيوۋ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنتنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ۋە تازىلىقچىسى قىلدى. ئۇلارنىڭ ھويلىسىنىڭ يېنىغا توخۇ كاتىكى، ئۆردەك كاتىكى ۋە بېلىق كۆلچىكى ياسالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەنتنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرلىرى ئىدى.

  تۆتكېزەك ئائىلىسىنىڭ ئەسلىدە تۇرىدىغان كېسەك ئۆيى يىل بويى ئوڭشالمىغاچقا، تامنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى يېرىلىپ كەتكەنىدى، شامال چىقىپ، يامغۇر ياغسىلا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەنسىرەپ، قورقۇپ كېتەتتى.

  2016-يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ۋۇ نيەنيوۋ سىياسەتنىڭ ياردىمىدە ئۈچ قەۋەتلىك بىر كىچىك بىنا سالدى. تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىلنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياتىقى ۋە يېزىق ئۈستىكى بار بولۇپ، كارىۋاتتا يېتىپ ئۆگىنىش قىلىش بىلەن خوشلاشتى.

  2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇ نيەنيوۋنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ مېھمانخانا تېمىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپ گۇۋاھنامىسى» كۆپەيدى، تۆتكېزەك ئائىلىسى ئاخىرى نامرات ئائىلە قاتارىدىن شەرەپ بىلەن چېكىندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، 10 ياشقا كىرىپ قالغان تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىلنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ، يېزىدىكى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ۋۇ نيەنيوۋ بۇلتۇر قېزىش ماشىنىسى ھەيدەشنى ئۆگەندى، يەر تېرىپ، باقمىچىلىق قىلىش بىلەن بىللە، يەنە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشلىدى. ۋۇ نيەنيوۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «تىرىشىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاپ، بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن».

(ۋەن شياڭ فوتوسى)

  ۋۇ نيەنيوۋ ئەر-خوتۇن ۋە تۆتكېزەك قىزلىرىنىڭ خاتىرە سۈرىتى: ئۈستى سول تەرەپتىكى سۈرەت 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كېسەك ئۆيىنىڭ ئالدىدا تارتىلغان؛ ئۈستى ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەت 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كېسەك ئۆيىنىڭ ئالدىدا تارتىلغان؛ ئاستى سول تەرەپتىكى سۈرەت 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى سېلىنىۋاتقان ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك بىنانىڭ ئالدىدا تارتىلغان؛ ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەت 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭى ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىدا تارتىلغان(بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت).  ۋەن شياڭ فوتوسى

تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىل سىنىپتا كىتاب كۆرمەكتە(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىل ئۆيىنىڭ كىچىك ھويلىسىدا باققان توخۇ، ئۆردەكلەرگە دان بەرمەكتە(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

ۋۇ نيەنيوۋ(ئوڭدا) بىلەن خوتۇنى ئۆيىدە تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىلنىڭ ئىلگىرىكى سۈرەتلىرىنى كۆرمەكتە(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

كەنتنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغان ۋۇ نيەنيوۋ كەنت ئارقىسىدىكى تاغ ئورمانلىقىنى چارلىماقتا(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىل مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتماقتا، يىراقتىكىسى كېسەك ئۆي بىلەن يېڭىدىن سېلىنغان ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك بىنا(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

ۋۇ نيەنيوۋ ئۆيىنىڭ ئالدىدا قېزىش ماشىنىسىنى رېمونت قىلماقتا، ئۇ بۇلتۇر قېزىش ماشىنىسى ھەيدەشنى ئۆگەندى(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

ۋۇ نيەنيوۋ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىمەكتە(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

ۋۇ نيەنيوۋ تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىلنى ئېتىزلىققا ئوينىغىلى ئاپاردى.(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىل مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىش يولىدا(9-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

ۋۇ نيەنيوۋ تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىلنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا(9-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).  ۋەن شياڭ فوتوسى

تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىل يېڭى ئۆيىدە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

تۆتكېزەك ئاچا-سىڭىل ھويلا سۈپۈرمەكتە(9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). ۋەن شياڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى