تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قىرانبېك شىنجاڭ بىلەن خوشلاشتى: كېيىنكى بېكەت، شاڭخەي!

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ): «مەن كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان چاغدىكى ھالىتىمنى كۆپ قېتىم ئويلىغان، تەسەۋۇرۇمدا، مېنىڭ سالاھىيىتىم شىنجاڭ فېيخۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك كۇلۇب ئالماشقان توپچى ئەمەس ئىدى. كەسپىي ھاياتىمنىڭ كېيىنكى بېكىتىنى، كۆپچىلىك چوقۇم توپچىلارنىڭ ئەھۋالى ئارقىلىق بىلىپ قالىسىلەر، يەنى شاڭخەي جيۇشى داشايۈ ۋاسكېتبول كۇلۇبى». 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، قىرانبېك «خەير-خوش، يۇرتۇم؛ ياخشىمۇسەن، شاڭخەي» دېگەن ئاشكارا خوشلىشىش خېتىدە شۇنداق يازغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسىللىك دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان ئۇچۇرىنىڭ يېڭىلانغان تىزىملىكىدە قىرانبېكنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

CBA باشقۇرغۇچى تەرەپ يېقىندا توپچىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىش ئۇچۇرىدا، قىرانبېكنىڭ شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن پەقەت 3+1 C تۈرىدىكى دائىملىق توختام ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ توردا تارقالغان 8 مىليونلۇق مائاش دېگەن ئۇچۇر بىلەن چوڭ پەرقلىنىدۇ.

قىرانبېكنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلىشىغا ۋاسكېتبول مەستانىلىرى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى، ھەتتا ئۆزىمۇ ناھايىتى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى. شىرئەلىجان، يۈ چاڭدۇڭ بىلەن ئوخشاش بولمىغىنى، قىرانبېكنىڭ توختامىنىڭ ۋاقتى توشمىغان بولۇپ، ئەركىن توپچى ھېسابلانمايتتى، بۇ كۇلۇب ئالمىشىشقا تەۋە ئىدى.

«شىنجاڭلىق مەستانىلەر، كۆپچىلىككە نىسبەتەن بۇ قوبۇل قىلىش قىيىن بولغان نەتىجە، بۇ قارارنى چىقىرىشتا، مەن ئۇزۇن ئىككىلەندىم، ھەرگىزمۇ يۇقىرى مائاشلىق توختامنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئايرىلىشنى تاللىغىنىم يوق. يۇرتۇم ۋە سىلەرنىڭ قەلبىمدە نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» قىرانبېك خوشلىشىش خېتىدە ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىدى.

ئۈرۈمچىدە 16 يىل، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا 11 يىل، قىرانبېك ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ياشلىق باھارىنى يۇرتىغا تەقدىم ئەتتى. ئۇ كەسپكە بولغان قېتىرقىنىش، باتۇرلۇق بىلەن بەدەل تۆلەش، كىچىك پېئىل، ئەدەپلىكلىكى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەنىدى. لى چيۇپىڭ تىرېنېر بولغان مەزگىلدە، قىرانبېك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولغانىدى، كېيىن، ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاسىيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى ۋە CBAنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەنىدى.

كەلگۈسىگە نىسبەتەن، قىرانبېك مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قايتا كوماندا ئالماشتۇرۇشنى ئويلىمىدىم، مېنىڭ كېيىنكى كەسپىي پىلانىم ۋە كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىم شاڭخەيگە مايىللىشىدۇ، بۇ يەردە ئۆزەمنىڭ ئائىلىسىنى قۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ماكانىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەردە، مۇشۇنداق ياش، ئۇلۇغۋار غايىلىك، جەسۇرانە ئىرادىلىك ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئويناشتا چوقۇم قىيىنچىلىق ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر بولىدۇ. ھازىرقى كەيپىياتىم، خۇددىي 2004-يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەن چاغقا ئوخشاش تولىمۇ ھاياجانلاندىم، كوماندىدا قولۇمدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«قىرانبېك ئاكامنى تەبرىكلەيمەن، قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، سىز شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى، شىنجاڭدىكى بارلىق ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى كوماندا باشلىقى، شۇنداقلا مېنىڭ قەلبىمدىكى كوماندا باشلىقى! شاڭخەيدە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن! سىزدىكى بارلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى شاڭخەيگە ئېلىپ بېرىڭ!» دۆلەت كوماندىسىدا كوللېكتىپ مەشىق قىلىۋاتقان فەن زىمىڭ قىرانبېككە شۇنداق تىلەك تىلىدى، ئۇنىڭ كوللېكتىپ مەشىق ۋاقتى توشقاندىن كېيىن گۇاڭجوۋغا قايتتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى فەن زىمىڭ، يۈ چاڭدۇڭ، قىرانبېك، شىرئەلىجاندىن ئىبارەت تۆت توپچى بىر ئاي ئىچىدە كوماندىدىن ئايرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى