تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان رىشتە

—— 5-شى قوشئۆگۈز شەھىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»تىكى ئىلغار شەخس بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ھېكايىسى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لېي لېي، ياڭ دېيىڭ خەۋىرى): بۇ بىر نەچچە كۈندە، 5-شى قوشئۆگۈز شەھىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»تىكى ئىلغار شەخس، 84-تۇەن مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن لىڭلىڭ كىتاب ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇرنىسانى يوقلىغىلى بارغاندا، ئۇنىڭ نەۋرە قىزىغا سوۋغا قىلماقچى بولدى؛

5-شى قوشئۆگۈز شەھىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»تىكى ئىلغار شەخس، 81-تۇەن 4 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ليەنجاڭى جى پېڭپېڭمۇ بىكار قالمىدى، ئۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى لى مىڭلىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى...

بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئايرىلىپ قالغان كۈنلەر ئىنتايىن ئۇزۇن بىلىندى. بۇ شى، شەھەردە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇغقانلاشقان كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ تۈگىتەلمىدى.

چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، چېن لىڭلىڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە، قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بىلەن دائىم ۋېيشىندا سىنلىق پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا ھال-ئەھۋال سورىشىپ تۇردۇق. ئارىمىزدىكى كۆڭۈل بۆلۈش، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان سۆزلەر بىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى».

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چېن لىڭلىڭ 84-تۇەننىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچىسى تۇرنىسا، چېگرا قوغدىغۇچى نۇرلان بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ئۇلار چىن كۆڭلىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، چېن لىڭلىڭ دائىم ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ تۇرنىسانى يوقلاپ تۇردى. تۇرنىسا 60 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، پەرزەنتلىرى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەنىدى، ئادەتتە بالىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، پەقەت بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىلا قايتىپ كېلىپ تۇرنىسانى يوقلايتتى. تۇرنىسانىڭمۇ بالىلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگۈسى يوق ئىدى، شۇڭا ئۆيدە ئىش بولسا، ئۇمۇ ئامال بار ئۆزى ھەل قىلاتتى.

بىر قېتىم، چېن لىڭلىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، تۇرنىسانىڭ ئۆيىدىكى جۈمەكنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، توختىماي سۇ ئېقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى، لېكىن ئۇ تۇرنىسا بىلەن قانداق ئوڭشاشنى بىلەلمەي قالدى. شۇنىڭ بىلەن، چېن لىڭلىڭ ئېرىگە تېلېفون بېرىپ، ئۇنى كېلىپ رېمونت قىلىپ بېرىشكە چاقىردى. چېن لىڭلىڭنىڭ ئېرى ئىككىلەنمەي ماشىنا ھەيدەپ بورتالا شەھىرى رايونىدىن تۇرنىسانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ جۈمەكلىرىنى رېمونت قىلىپ بەردى.

«تۇغقىنىم ئۆزى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى ئادەملەر. مېنىڭ قانداقلا ئىشىم بولسا، ئۇلار دائىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ. لىڭلىڭنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرى، ھەتتا بالىلىرىمنىڭ قىلغانلىرىدىنمۇ كۆپ» دېدى تۇرنىسا.

تۇرنىسانىڭ نەۋرىسى گۈلدىنە 7-يىللىقتا ئوقۇيدۇ، نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، لېكىن ئائىلىسىدە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئادەم يوق، بۇ گۈلدىنەنى ناھايىتى پەرىشان قىلدى. «چېن ھەدەم مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەمنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەر قېتىم مومامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ماڭا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى، يەنە ماڭا مەشىق ئىمتىھان قەغىزى ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئالغاچ كەلدى. ئۇنىڭ ياردىمىدە، مېنىڭ ئۆتكەن مەۋسۇمدىكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجەم ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئون نەچچە نومۇر يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى گۈلدىنە.

چېن لىڭلىڭنىڭ يەنە بىر قوشماقلاشقان تۇغقىنى نۇرلان بىلەن خوتۇنى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى، بىر قىزى بار، ئوغلى خىزمەت قىلىدۇ، قىزى 84-تۇەن مەكتىپىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. ئادەتتە چېگرا چارلاشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، نۇرلان ئائىلىسىدىكىلەر غەلىتە تاش جىلغىسىدىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ھەر قېتىم كالا-قويلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن، نۇرلان قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە ئامالسىز قالغاندا، چېن لىڭلىڭ تاغ يولىنىڭ ئېگىز-پەس بولۇشىغا قارىماي، نۇرلاننىڭ قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە ياردەملىشىدۇ.

2018-يىلى 12-ئاينىڭ بىر كۈنى، چېن لىڭلىڭ بالىسىنى ئېلىپ نۇرلاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ باردى. ئاپتوموبىل غەلىتە تاش جىلغىسى تاغلىق رايونىدىكى جىددىي ئايلانمىدا كېتىۋاتقاندا، قار يېغىپ يول تېيىلغاق بولغاچقا، چېن لىڭلىڭ ھەيدىگەن ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ يول بويىدىكى چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كەتتى. ماشىنىنىڭ ئارقا رېتىدە ئولتۇرغان قىزى ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە قاتتىق تېگىپ كېتىپ، بېشىدا چوڭ بىر ئىششىق پەيدا بولدى، ئۇ قورققىنىدىن يىغلاپ كەتتى، چېن لىڭلىڭمۇ قورقۇپ كەتتى. بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، چېن لىڭلىڭ 84- تۇەندە ئولتۇرۇشلۇق ئاكىسىغا تېلېفون بەردى، ئاكىسى دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەچكە، چېن لىڭلىڭ ئانا-بالا ئاندىن تىنچ-ئامان بورتالا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.

«ھازىر ئويلىسام يەنىلا قورقۇپ كېتىمەن، ئەمما نۇرلاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يەنىلا دائىم يوقلاپ تۇردۇم. ئويلاپ باقسام ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى چېگرانى چارلاش ئۈچۈن يىل بويى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرۇپمۇ ھاردىم -تالدىم دېمەيدۇ، بۇنىڭ ئالدىدا مېنىڭ قىلغىنىم قانچىلىك ئىشتى؟ پەقەت مەن بارغاندا ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلىسەملا، مەن چىن كۆڭلۈمدىن رازى» دېدى چېن لىڭلىڭ.

كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەش

«بۇ بىر نەچچە يىللىق ئالاقە جەريانىدا، مەن جى ليەنجاڭنى ئۆز ئائىلەمدىكىلەر قاتارىدا كۆرۈپ كەلدىم. مەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا قانداق قىيىن مەسىلىگە يولۇقسام، پەقەت ئۇ بىلسىلا، ئامال قىلىپ ماڭا ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بەردى. ئۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى.» 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، 81-تۇەن 4-ليەننىڭ خىزمەتچىسى لى مىڭلى تۇغقىنى جى پېڭپېڭنى تىلغا ئالغاندا، باش بارمىقىنى چىقاردى.

لى مىڭلى 15 مو يەرگە ئۈزۈم تېلى تىكتى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، جى پېڭپېڭ تېرىقچىلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسى كەمچىل لى مىڭلىنىڭ «دېھقانچىلىق تېخنىكا خادىمى» بولدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىدىن بىخنى ئېلىپ شاخلارنى بېكىتىش، چېچەك ۋە مېۋىلەرنى شالاڭلىتىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى ئېتىز پەرۋىشىگىچە، جى پېڭپېڭ نەق مەيداندا لى مىڭلىغا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى. جى پېڭپېڭنىڭ قىزغىن ياردىمىدە، لى مىڭلى ئىلمىي بولغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، بۇ ئىككى يىلدا ئۈزۈمنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

لى مىڭلىنىڭ ئوغلى لى شياۋلۇڭنىڭ بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىغاچقا، ئىزچىل ئۆيىدە ئىش كۈتۈپ تۇرۇپ، بارا- بارا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. جى پېڭپېڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، لى شياۋلۇڭنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، لى شياۋلۇڭنىڭ توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، لى شياۋلۇڭنى ليەندۈينىڭ تايانچ خەلق ئەسكەرلىكىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردى.

2019-يىلى، ئىدىيەۋى تونۇشنىڭ ئۆسۈشى ۋە گەۋدىلىك ئىپادىسى سەۋەبىدىن، لى شياۋلۇڭ ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، تۇەن-چاڭدىكى تايانچ خەلق ئەسكەرلىرىنى باھالاشتىن ئۆتۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا كىرگۈزۈلدى. ھازىر، ئىشچى-خىزمەتچى سالاھىيىتى ۋە مۇقىم خىزمىتى بار بولغان لى شياۋلۇڭنىڭ تۇرمۇشى بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

«تۇغقانلىشىش ئارقىلىق، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق، قوشماقلاشقان تۇغقىنىمىزغا ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرەلىگىنىمدىن مەنمۇ ناھايىتى خۇشال، تۇغقىنىم بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جى پېڭپېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى