تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

2020-يىللىق شيامېن يەرمەنكىسىدە، قۇتۇبى ناھىيەسى تەخمىنەن 1 مىليارد يۈەنلىك سېلىنمىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۆ ۋېنلىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېنجېڭ): 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، 2020-يىللىق شيامېن خەلقئارا سېلىنما-سودا يەرمەنكىسى ۋە يىپەك يولى سېلىنما يىغىنى باشلاندى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە نۇقتىلىق تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجيەن شىنجاڭغا نىشان ياردەم بېرىش لۇڭيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى چېن ياۋخۇا قۇتۇبى ناھىيەسىگە ۋاكالىتەن ئاۋنۇڭ گۇرۇھى، جۇڭلۇشياڭ(شيامېن) ساياھەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، فۇجيەن مىنخۇڭشۈ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق فۇجيەن كارخانىلىرى بىلەن ئالتە تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن سېلىنمىغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارخانىلار ئىچىدە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرمۇ، ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ سېلىنما دائىرىسى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەرنى قاپلىغان بولۇپ، تۈرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشسە، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى كەسىپلەرگە يېڭى قان قوشۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى