تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە «پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىككە بولغان رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى راۋاجلاندۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش؛ يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىشىنىش، ئىتتىپاقلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش، مائارىپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش سىياسىي ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ «تۆتتە ئۈلگە» بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

«يۇقىرى ساپالىق پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى قۇرۇش» توغرىسىدا «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، بىر يۇقىرى ساپالىق، مەسئۇلىيەتچان پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خىزمەت دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياش بىر ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنى چۆرىدەش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر مەزمۇن، خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشنى قوللاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. بىرلىك سەپكە تايىنىپ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ماسلىشىشىنى قانات يايدۇرۇش يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش مەزمۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىنكاس قىلىش ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى مۇھىم تەشكىلىي تايانچ. سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلىشىشقا، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

«پارتىيەنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا، «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمىتى. پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەردە ھەم ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغان، ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشقان پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.