تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھەقىقىي ئالتۇن چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا تاۋلىنىدۇ

خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ھەقىقىي ئالتۇن چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا تاۋلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە نەزەر سېلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ «ھەقىقىي ئالتۇن چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا تاۋلىنىدۇ» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۆتكەن سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر مەيدان كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور جېڭىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى.» چوڭ جەڭگە نەزەر سېلىپ، چوڭ سىناقنى ئەسلىسەك، بىز بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك كۈچى، بىر تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىش سەۋىيەسىگە ئىگە بولدۇق، قانداق بايراق كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىشقا قارىتا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاڭلىقلىققا ئىگە بولدۇق. بۇ جەڭدە، قىزىل بايراق ھەممە يەردە جەۋلان قىلدى؛ بۇ جەڭدە، پولاتتەك تاۋلاندۇق. قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتكەن قەدىمىي مىللەت تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتە تېخىمۇ قەيسەر بولدى، بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يامان ئەلپازدا كەلگەن يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتۈپ چىقىپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ تەكشۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگو ناملىق پاراخوتنى يېتەكلەپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدىغان «رول» ۋە «لەڭگەر» ئىكەنلىكىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇدىن قورقماي، بارلىق خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى يۆلەنچۈكى، ئۆلچىگۈچى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، «خەلق» خېتى مۇھىم ئورۇندا تۇردى، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» جۇڭگو تۈزۈمىدىكى ئەڭ تۈپ قىممەت يۆنىلىشى، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سىياسىي ئېتىكا.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: چوڭ جەڭ، چوڭ سىناق ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بېسىم سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش كۈچلۈك قورالغا ئايلاندى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق شەكلى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، بىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىمىز، ئامما ئەۋزەللىكىمىز قۇدرەتلىك ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا ئايلاندى.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۈرمىڭ جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقۇش نە ھاجەت، ھەقىقىي ئالتۇن چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا تاۋلىنىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق، كېلەچىكىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز؛ بىز شۇنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى تۈپتۈز ئەمەس، ھەتتا چاتقال - تىكەنلەر بىلەن تولغان، يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەۋقەنى «جۇڭگو تۈزۈمى»گە قويۇپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نى ئاچساق، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، چوقۇم گۈللىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان ماددىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، تۈزۈم مەدەنىيلىكىنى يارىتالايمىز. بىز تارىخقا پۈتۈلدۇق، بىز جەزمەن يېڭى تارىخ پۈتىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.