تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 18 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئۇل تېشى. بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئاۋاز قوشۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، ئايرىش تېمىنى مۇستەھكەملىگەن - پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. مەۋقەنى تېخىمۇ دەل جايىغا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇش، فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مۇقىم بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇل شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنلىرىنى قۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. دەسلەپكى مەزگىلدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى ھازىرقى جىددىي ئىش قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمى ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ماسلىشىپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلىم زاپىسى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش، مەشىقلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش قاتارلىق سەھىيە - ساغلاملىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش زاپىسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتىدە داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاۋاز قوشۇش، رايونلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، خادىملارنى يۆتكەپ توپلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەرىجىگە ئايرىلغان، قاتلامغا ئايرىلغان، تارماققا ئايرىلغان يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئۈچ دەرىجىلىك تېببىي داۋالاش مۇلازىمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مېدىتسىنا مەركىزى، رايون تېببىي داۋالاش مەركىزى قاتارلىق بازا قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك جەمئىيەت ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇھىت ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى شەھەر يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىكى نەزەرىيەسى ۋە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەپ، كىلاسسىك تېببىي كىتابلارنىڭ جەۋھەرلىرىنى رەتلەش ۋە قېزىشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم پەن تەتقىقاتقا تىرەك بولىدىغان سۇپىلارنى قۇرۇپ، جۇڭيى دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى دورىلىرى بويىچە يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئالاھىدە ئىختىساسلىقلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى سەھىيە قانۇن - نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، تەرتىپى قېلىپلاشقان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن - نىزاملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكىنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ۋە بىيوبىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، چوقۇم ئۆز قولىمىزدا بولۇشى كېرەك. سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىگە بولغان پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىراجەت سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاياتلىق ئىلمى، بىيوتېخنىكا، تېببىي دورا - سەھىيە، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقئارا سەھىيە بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بويىچە ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچى دۆلەتلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار خەلقئارا ئۆلچەم، قائىدە، كۆرسەتمە تۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يەر شارىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى تەسىر كۈچى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.