تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئائىت 18 تۈرلۈك تەدبىر چىقاردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئىشخانىسى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 18 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«خىزمەت لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغقە بولغان تەسىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ساقلانما مىقدارى نىشانىنى ئورۇندىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسىتىدىن ئوخشاش بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى بىلەن يۈزتۇرا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مەسىلە ئىنكاس قىلىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسەتنى تەڭشىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش؛ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنى قانات يايدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى جەھەتتىن مەدەت بېرىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈش؛ تاموژنىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، «ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلار»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى يولىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنى پائال كېڭەيتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ چېگرا سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارىسىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى لاياقەتسىز بولۇش ئەھۋالىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش؛ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى يانداش قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ AEO (ئېتىراپ قىلىنغان تىجارەتچىلەر)نىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا ئىناۋەت ئاساسى سېلىش كېرەك.

تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ نۇقتىلىق تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىگە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مەبلەغ، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەت مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ھەم يانداش نىزاملارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە سودىگەر چاقىرىش خىزمىتى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى چىقىرىشىغا ئىلھام بېرىش؛ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنى تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، تەرەققىيات جەريانىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پائال ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى