تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشىك ئالدىدىلا داڭلىق دوختۇرلارغا كۆرۈنگىلى بولىدىغان بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

«مېنى كۆپ يىل قىيناپ كېلىۋاتقان كېسىلىمنى ئىشىكىم ئالدىدىلا داۋالىتىپ ساقايدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئېرىم بىلەن بىللە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالايدىغان بولدۇم، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار بولدى.» 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقان گۇما بازىرى ئاستاقۇش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۆھەرنىسا ئۆمەرنىڭ نۇرلۇق تەبەسسۇمى خۇددى دېرىزە سىرتىدىكى قۇياش نۇرىغا ئوخشايتتى.

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى ئارقىلىق، گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئارقا قورساق بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن سول تەرەپ تۇبېركۇليۇزلۇق ئىقتىدارسىز بۆرەكنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئارمىيە دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى، ئۈچ تەرەپنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى ئارقىلىق بىرلىشىپ گۆھەرنىسانى مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يىراقتىن داۋالاش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى بارغانسېرى كۆپ ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا داڭلىق دوختۇرلارغا كۆرۈنەلەيدىغان بولدى.

ساغلاملىق بەختنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنىڭ مۇھىم ماھىيەتلىك مەزمۇنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات، بەخت - سائادەتكە بولغان مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان «ساغلاملىق يولى»نى ئاچتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بۇ تەخىرسىز ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ھەر يىلى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، يىراقتىن داۋالاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ» «ئۆمەك تەشكىللەپ» ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى - يۆلىدى، ھەر مىللەت ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا قولايلىق، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. ھازىرغا پايدىلىق بولغان، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق كاپالەت تورىنى زىچ توقۇدى، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى.

ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە تىرەك بولدى

ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرى يۈچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇئايشەم ئەھەت ئائىلىسى ئالدىراش كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى قاتار - قاتار ياڭاق دەرەخلىرى بۈك - باراقسان ئۆسكەن، شاخلار مېۋىلەرگە تولغان بولۇپ، ھويلىدىكى نەچچە ئون ئاق غاز چۈجىسى سەكرىشىپ يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ كىچىك ئىگىسى 11 ياشلىق ئابدۇرېھىم ئۇلارغا يەم بېرىۋاتاتتى.

ئابدۇرېھىم تۇغۇلۇشىدىنلا كۆكرەك بوشلۇقى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ كۆكرەك قەپىزىنىڭ غەيرىي شەكىلدە ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە ئۇنى «ۋارونكىسىمان كۆكرەك مىكرو زەخىملىك شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى» قىلدى. «بالا قايتىدىن قەددىنى رۇسلىدى، بىزنىڭ روھىي بېسىمىمىزمۇ تۈگىدى، ھازىر پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن پۇل تېپىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئاتلاندۇق.» بۇئايشەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچى بارغانسېرى ئاشتى.

خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2016 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، شىنجاڭلىق شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ساغلاملىق ئىدىيەسى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»گىچە قاپلىدى.

«سۈپەت» ۋە «خەلققە قولايلىق بولۇش»نى ئۆلچەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى باستۇرۇپ سۇغىرىشتىن دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئۆزگەرتىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلدى.

«ھازىر سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى كۆپەيدى، تېخىمۇ ئىنچىكە بولدى.» بۇ يىل 5 - ئايدا، يەكەن ناھىيەسى تاغارچى بازىرى قوشئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۆرىگۈل سىدىق يېڭىدىن كۆپەيگەن تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

بەدەن تەكشۈرۈلدى، كېسەللىكنىڭ ئالدى ئېلىندى، كىشىلەر قەلبى ئىللىدى.

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىنىپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشنى ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىلمىي تەھلىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، تارقىلىشچان كېسەللەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەل تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش، داۋالاش لايىھەسىنى تەھلىل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.

نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش دىياگنوز قويۇپ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

«مۇتەخەسسىسلەر ئىشىكىمىز ئالدىدىكى دوختۇرخانىدا بولمىغان بولسا، ھازىرقى ياخشى تۇرمۇشىمىز نەدىن كېلىدۇ.» گۇما ناھىيەسى سانجۇ يېزىسى باش ساۋا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەت روزى «ئىشىك ئالدىدا كېسەل كۆرسىتىش» توغرۇلۇق سۆز تېمىسى چىقسىلا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ.

بۇ يىل 5 - ئايدا، ئابلەتنىڭ قورسىقى ئاغرىپ گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي كېسەللەر بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنىپ، ئاشقازىنى تېشىلگەن دەپ دىياگنوز قويۇلدى، ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لۇ ۋە باشقا مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى ئۇنى دەرھال ئوپېراتسىيە قىلدى.

ئابلەتنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى تارىخى بار ئىدى، ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ پائال داۋالىشى بىلەن، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش خەۋپىدىن تىنچ - ئامان ئۆتۈپ كەتتى. بىر ئايدىن كېيىن ئابلەت ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلى»دە ياردەم بېرىش - يۆلىشىدىن بۇرۇن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئېغىر كېسەللەرنى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەشكە توغرا كېلەتتى، ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى.

2018 - يىلى 5 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش نەپەر ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش مۇتەخەسسىسىنى ئەۋەتىپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمى تەشكىللەپ قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ھازىرغىچە، 800 دىن ئارتۇق خەتەرلىك، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلدى، داۋالاندى.

يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، كىچىكلىكتىن زورايدى، ھازىر گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى زەخىملىك مېخانىكىلىق نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، تالالىق كانايچە ئەينىكى ئارقىلىق بەلغەمنى سۈمۈرۈپ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى يۇيۇپ داۋالاش تېخنىكىسى، ئۈچەي ئىچى - سىرتىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ داۋالاش ھەم پۇت - قولغا بېسىم بېرىپ داۋالاش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەركىبى يۇقىرى داۋالاش تۈرلىرىنى قانات يايدۇرالايدۇ.

ساغلاملىق بەختنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %70 نوپۇسنى قاپلىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامرات ناھىيەلەردىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە 3 - دەرىجىلىك 25 دوختۇرخانا (جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىچكىرى رايونلاردىكى 20 جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى ۋە 18 ئارمىيە دوختۇرخانىسىنى توپلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 32 نامرات ناھىيەنىڭ خەلق دوختۇرخانىلىرى ۋە 24 جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانىغا «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلى» «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بەردى - يۆلىدى.

ھازىرغىچە، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ 235 يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلار دىياگنوز قويۇپ داۋالىغان ئادەم سانى ياردەم بېرىش - يۆلەشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشتى.

«ئىشىكىمىز ئالدىدىلا خىمىيەلىك داۋالىنالايدىغان بولدۇق، ئەمدى يىراققا قاترىمايدىغان بولدۇق، ھەقىقەتەن چوڭ ئىشىمىز ھەل بولدى» دېدى قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرىدىكى دېھقان گۆھەرنىساخان مەمتىمىن. بۇلتۇر 6 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىك سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغانىدى، ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن ئۆز جايىغا قايتىپ قەرەللىك خىمىيەلىك داۋالىنىش قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ يۇقىرى داۋالىنىش خىراجىتى ۋە يىراققا بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇپ داۋالىنىشتىن غەم قىلىۋاتقاندا، ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى.

«ئىلگىرى ناھىيەدە ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئاغرىقلىرىنىڭ دوختۇرخانا يۆتكىلىش نىسبىتى %33 ئىدى، ھازىر بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئاساسەن ئۆزجايىدا داۋالىنالايدىغان بولدى.» قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابدۇخەبەر جېلىل مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ «ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى»دا، 2019 - يىلى 10 - ئايدا، بۇ دوختۇرخانىدا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۆۋەتتە، 1000 دىن ئارتۇق ئاغرىقنى دورا بىلەن خىمىيەلىك داۋالىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا تەڭشەشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق داڭلىق دوختۇرلار «بوشلۇق ھالقىپ تومۇر تۇتتى»

ئىشىكى ئالدىدىكى يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، بۇ ناھىيەنىڭ مىشا بازىرى توقۇللا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل مەمەت شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىغا يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشنى ئىلتىماس قىلدى.

ئايدا بىر قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىش، بىرلىشىپ دىياگنوز قويغان دوختۇر تەپسىلىي داۋالاش لايىھەسى تۈزۈش، بىر يىلدا 20 نەچچە قېتىم داۋالاش ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئارزۇگۈلنىڭ سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى كېسىلى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلىندى.

بىر كومپيۇتېر، بىر كامېرا، ئالاقە تورى چەت - ياقا رايونلاردا تېببىي داۋالاش - دىياگنوز قويۇشنى «سېزىمچان ئېكران ئارقىلىق» ئىشقا ئاشۇردى. يىراقتىن داۋالاش ئۇچۇرىنىڭ ئۇچقاندەك يەتكۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىش قەدىمىنى بارغانسېرى قىسقارتتى. 2010 - يىلى، شىنجاڭدا يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇش تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىراقتىن داۋالاش سىستېمىسىنىڭ تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكىرى رايونلارنىڭ ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلار بىلەن يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشىنى تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى.

تاغ ئېگىز، يول يىراق بولسىمۇ، يول توسۇق ھەم ئۇزاق بولسىمۇ، ساغلاملىق مۇساپىسىدە، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچىدى، 32 ناھىيە زىچ تىپلىق ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يىراقتىن داۋالاش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت - ئوبلاست، ناھىيە - شەھەردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئومۇملىشىشىنى كېڭەيتىپ، نامرات ئاممىنى تەڭپۇڭ بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىرغىچە، 92 ناھىيە ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، بۇ بارلىق نامرات ناھىيەلەرنى قاپلىدى، 2 - دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى 292 داۋالاش ئاپپاراتى ناھىيە رايونى ئىچىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1002 ناھىيە، يېزا يىراقتىن داۋالاش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، ناھىيە، يېزىلارنىڭ يىراقتىن داۋالاش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %87.36 كە يەتتى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسى جايتوغراق كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرى مۇپەرەچ مەتسەيدى يىراق مۇساپىلىك سىستېما ئارقىلىق لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىلەن توردا كۆرۈشۈپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىقنىڭ دورىسىنى تەڭشەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك رېنتىگېن مەركىزىدە، دوختۇر «بۇلۇت»تا رېنتىگېن پىليونكىسىنى كۆرۈپ، يېزا - بازار شىپاخانىلىرى يوللىغان رېنتىگېن ماتېرىياللىرىغا تەكشۈرۈش - ئانالىز قىلىش دوكلاتى يېزىپ بېرىۋاتاتتى. يىراق مۇساپىلىك رېنتىگېندىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق، بۇ دوختۇرخانا «ئاساسىي قاتلام تەكشۈرۈش، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر دىياگنوز قويۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى «بۇلۇت داۋالاش»ئەندىزىسى ئۈستىدە بەس - بەستە ئىزدىنىپ، دوختۇرخانىلاردىكى «قورشاۋ تام شەكلىدىكى مۇلازىمەت»نى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاغرىقلارنى ئېكران ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر يىلى تەخمىنەن 24 مىڭ ئاغرىق يىراقتىن داۋالاش ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى دوختۇرخانىدا دىياگنوز قويدۇرۇپ داۋالانغان، ئاغرىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن 120 مىليون يۈەن ۋاسىتىلىك داۋالىنىش خىراجىتى تېجەپ قېلىنىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

«ئىشىكىم ئالدىدىلا كېسىلىمنى داۋالىتىپ ساقايدىم، مەن قايتىپ بېرىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ساغلام ھالدا ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىمەن.» دوختۇرخانىدىن ئايرىلغان كۈنى، ئاسمان كۆپكۆك ئىدى، ئارزۇگۈل يېنىك قەدەم ئالدى، ئۇنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىش غەيرىتى تولۇپ تاشقانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى