تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تاشيول ئاسراش ماھارەت مۇسابىقىسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، S215 لىنىيەسىنىڭ 81 كىلومېتىرلىق يېرىدە، ئۇچىسىغا تاشيول ئاسراش بەلگە كىيىمى كىيگەن ئىشچىلار تەرتىپلىك ھالدا يول ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى. بۇ، قەشقەر تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى مارالبېشى شۆبە ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن «يول يۈزىدىكى كاللەكسىمان يېرىقنى سۇيۇق لاي بىلەن بىر تەرەپ قىلىش» ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى نەق مەيدانى. ئىگىلىنىشىچە، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يول ئاسراش ئىقتىدارى، تاشيول مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىدارە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، «يوللاردىكى كاللەكسىمان يېرىقنى سۇيۇق لاي بىلەن بىر تەرەپ قىلىش» ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. نەق مەيداندا، مۇسابىقىگە قاتناشقان 60 ماھىر پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق جىددىي مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، 1100 كىۋادرات مېتىرلىق يول يۈزىدىكى كاللەكسىمان يېرىق بىر تەرەپ قىلىنغان. (گۈلمىرە داۋۇت فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى