تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بالىلارنى كۈز پەسلىدە قانداق كىيىندۈرۈش كېرەك

    ئاق شەبنەم مەۋسۇمى يازدىكى دىمىق ئىسسىق ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىگەن، كۈز ھاۋاسى سوۋۇشقا باشلىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ، يېقىندا دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەلىرىدە زۇكام، يۆتەل بولۇپ قالغان بالىلار تەدرىجىي كۆپەيدى. نۇرغۇن ئاتا-ئانا: «ھەممەيلەن ئەتىيازدا قېلىنراق كىيىنسىمۇ، كۈزدە سەل-پەل توڭلىسا، سالامەتلىككە پايدىلىق ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا مېنىڭ بالام ئازراقلا توڭلاپ بولغۇچە، زۇكام بولىدۇ، يۆتىلىپ قالىدۇ؟» دەپ سورايدۇ، چوڭلار ئېيتقان «كۈزدە توڭلاش» دېگەن سۆز سوغۇق ئارقىلىق بالىنىڭ سوغۇق مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش دېگەنلىك. لېكىن ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا بالىغا كالتە يەڭ مايكا، كۆينەكلەرنى كىيدۈرۈش دېگەنلىك ئەمەس، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ھاۋا بىردە سوغۇق، بىردە ئىسسىق بولسا، چوڭلارغا قارىغاندا بالىلارغا كېسەل ئاسان يۇقىدۇ. كۈز گەرچە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىشنى مەشىق قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولسىمۇ، لېكىن «كۈزدە توڭلاش» قارىغۇلارچە بولماسلىقى، بەلكى تەدرىجىي، ئىلمىي بولۇشى كېرەك.

    ئالدى بىلەن، سوغۇققا ماسلىشىش كېرەك. كۈز كىرگەندىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئاستا-ئاستا «سوغۇق»قا چىداملىق قىلىپ تەربىيەلىشى كېرەك. يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولۇش، قارىغۇلارچە «كۈزدە سەمرىش»كە بولمايدۇ، سىرتتا كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، سىرتنىڭ ھاۋاسى ۋە قۇياش نۇرى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، بالىلارغا «كۈزدە توڭلايدىغان» غەيرەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چوقۇم «تەدرىجىي ئىلگىرىلەش» ۋە «مۇۋاپىق» بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى پىرىنسىپنى ئىگىلەش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇشتا تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك، يۇقىرى سىجىللىقتا بەك ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ، قاتتىق تەرلەيدىغان دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، بالىلارغا ئۆزى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئازراق تەرلەيدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغۇزۇپ، مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇۋاپىق پەيتتە قېلىنراق كىيدۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بالىلارغا كىيىم كىيگۈزگەندە قورساق، پۇت قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، بەك قېلىن كىيىندۈرمەسلىك كېرەك. ئەمما ئادەتتە بەدەن سۈپىتى ناچار، تەكرار زۇكام بولىدىغان ياكى كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان بالىلارغا قارىتا، ئاۋۋال كىيىمنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش قېلىن-نېپىز بولۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويماسلىق، بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى، ھەرىكەت مىقدارى ۋە ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ۋاقتىدا كىيىمنى قېلىنراق كىيدۈرۈپ، بالىلارنى تەدرىجىي ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

    ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، «كۈزدە توڭلاش» ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ تەرلەيدىغان، تەكرار-تەكرار زۇكام بولىدىغان، ئۆپكىسى ئاجىز بالىلار ياكى چىرايى سارغىيىپ كەتكەن، ئورۇق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تال، ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن بالىلار بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆپكە، تال ئاجىزلاپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولسا، ئالدى بىلەن جۇڭگو تېبابىتى بويىچە تەڭشەشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنە بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، تارتىشىپ قېلىش، زىققا كېسىلى، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، بەزسىمان تەنچە يوغىناش قاتارلىقلار دائىم زۇكام سەۋەبىدىن قايتا-قايتا قوزغالسا ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنداق بالىلارنىڭ زۇكام بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش ئاددىيلا «سوغۇق تېگىش»تىن بولمايدۇ، شۇڭا تېخىمۇ مۇھىمى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە كىيىنىش كېرەك.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى