ئازراق بۇزۇلۇپ قالغان مېۋىلەرنى تاشلىۋەتسىڭىز ئىچىڭىز ئاغرىيدۇ؛ يېسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەيسىز.
زېدە بولغان مېۋىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ
مېۋە-چېۋىلەر سوقۇلۇپ بەزى جايلىرى يۇمشاپ كەتكەن، ھۈجەيرىلەر بۇزۇلغان، بىر قىسىم رەڭسىز ماددىلار قېنىق رەڭلىك ماددىلارغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، «يارا ئېغىزى»دا ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر پەيدا بولىدۇ، مېخانىكىلىق زەخىملەنگەن مېۋىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، توغرالغان ئالمىنى دەرھال يەپ تۈگەتمىگەندە، قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
ئۈششۈپ قالغان مېۋىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ
توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇلغان شياڭجاۋ قارا ھەم يۇمشاق بولۇپ قالىدۇ، بۇمۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن بولىدۇ. ئەگەر بۇ بۇزۇلغان ھۈجەيرىلەردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئىگىلەيدىغان باكتېرىيە بولمىسا، بۇ خىلدىكى بۇزۇلغان مېۋىلەرمۇ نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ(تەمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ). بىراق، مېۋىلەر ئۈششۈپ قالغانلىقتىن ھۈجەيرىلەر بۇزۇلۇپ، زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، زەمبۇرۇغلار ئىگىلىۋالغان بولسا، ھەتتا پاختىلىشىپ كەتكەن بولسا يېمەسلىك كېرەك.
كۆكىرىپ قالغان مېۋىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ
بەزىلەر مېۋىنىڭ پاختىلىشىپ قالغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپلا، قالغان قىسمىنى داۋاملىق يېسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما پاختىلىشىپ قالغان ئورۇننى چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن ئىستېمال قىلسىمۇ بىخەتەر بولۇشى ناتايىن، چۈنكى زەمبۇرۇغ پەيدا قىلغان زەھەر مېۋىنىڭ باشقا نورمال ئورۇنلىرىغا تارقىلىپ كېتىدۇ، كۆكىرىپ قالغان مېۋىلەرنى تاشلىۋەتسە تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)