تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 «چېن ئاكا بولغاچقا، ئىشلەمچىلىك قىلغان كۈنلىرىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتتى»

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى جىڭفېڭ خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، 1-شى 3-تۇەن 4-ليەندە ئىشلەۋاتقان ياسىن مەمەت بىلەن خوتۇنى خانقىز تۆمۈر ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ياسىن مەمەت باققان قوي-كالىلىرىغا يەم-خەشەك بەردى، خانقىز تۆمۈر ئىشىك ئالدىدىكى كۆكتاتلىقتىن ئازراق شوخلا ۋە شياۋ بەسەي ئۈزۈپ، ئەتىگەنلىك تاماق ئېتىشكە تەييارلىق قىلدى.

ياسىن مەمەت ئەر-خوتۇننىڭ ئۆيى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى ئالامەت يېزىسى كونا بازار كەنتىدە، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ 4-ليەنگە كەلگىنىگە يېرىم يىل بولدى، «چېن ئاكام بولغاچقا، ئىشلەمچىلىك قىلغان كۈنلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ» دېدى ياسىن مەمەت.

چېن ئاكا 4-ليەننىڭ خىزمەتچىسى چېن تەيشەن. ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، ياسىن مەمەت بىلەن خوتۇنى خانقىز تۆمۈر 4-ليەنگە كېلىپ چېن تەيشەنگە پاختا تېرىشىپ بەرگەنىدى، باردى-كەلدى قىلىش جەريانىدا، چېن تەيشەن ياسىن مەمەت ئەر-خوتۇننىڭ ئەمگەكچان، ئاددىي-ساددا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالدى، ياسىن مەمەت ئەر-خوتۇن چېن تەيشەننىڭ زېھنى ئۆتكۈر، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا قايىل بولدى. ئاستا-ئاستا، چېن تەيشەن بىلەن ياسىن مەمەت ئەر-خوتۇن دوست بولۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا، ياسىن مەمەت چېن تەيشەنگە تېلېفون قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كىرىمىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، 3-تۇەنگە بېرىپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چېن تەيشەن خوتۇنى شېڭ شۆپىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ليەندۈيدە ياسىن مەمەت ئەر-خوتۇنغا بىر ئېغىز ئۆي تېپىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى يىغىشتۇرۇپ بەردى ھەم ئۇلارغا بىر قىسىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ بەردى. «ياسىن مەمەتنىڭ ماڭا تېلېفون قىلىپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىشى ماڭا ئىشەنگەنلىكى، مەن ئەلۋەتتە ئامال بار ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم قىلىشىم كېرەك» دېدى چېن تەيشەن.

ئويلىمىغان يەردىن، ياسىن مەمەت ئەر-خوتۇن كەلگەندە يەنە ئۈچ قوي ۋە بىر كالا يېتىلەپ كەلدى. بۇ ھېچقانداق باقمىچىلىق تەجرىبىسى يوق چېن تەيشەننى ھەم خۇشال قىلدى ھەم غەمگە سالدى. ياسىن مەمەتنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قانداق ياردەم بېرىش، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياسىن مەمەتنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرىش بىر مەزگىل چېن تەيشەن قاتتىق ئويلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، چېن تەيشەن ئۆزىنىڭ 40 مو كېۋەزلىكىدىن ئىككى مو يەرنى ئاجرىتىپ، ياسىن مەمەتكە سۆسۈن گۈللۈك بېدە تېرىشكە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەردى.

ياسىن مەمەتنىڭ سۆسۈن گۈللۈك بېدە تېرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چېن تەيشەن دائىم ئېتىزغا بېرىپ ياسىن مەمەتنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى، ئۇنى ئېلىپ بىللە يەر تۈزلىدى، قوشۇمچە ئوغۇتلىدى، يەنە ئاقسۇ شەھىرىدىن بىر كىچىك تىپتىكى توكلۇق بېدە ئورۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ياسىن مەمەتنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلەتتى.

ھازىر، ياسىن مەمەت تېرىغان ئىككى مو يەردىكى سۆسۈن گۈللۈك بېدە نەچچە قېتىم ئورۇلۇپ بولۇندى، يېتىلەپ كەلگەن قوي ئۈچنى قوزىلىدى، ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېۋەزلىك، مېۋىلىك بېغىدا ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولسا، ياسىن مەمەت بىلەن خانقىز تۆمۈرنى ياردەملىشىشكە ياللىدى، ئۇلار ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2600 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

«چېن ئاكامغا كۆپ رەھمەت، ئۇنىڭ ياردىمىدە، پەقەت تىرىشساقلا، چوقۇم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى ياسىن مەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى