بۇ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان باغراش كۆلى ليەنخەي دۇنياسى مەنزىرە رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باغراش كۆلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قايدۇ دەرياسى ئېكولوگىيە مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئۈچ توغرىسىغا، ئالتە ئۇزۇنسىغا كېلىدىغان سۇ سىستېمىسىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «سۇ شەھەردە ئاقىدىغان، شەھەر سۇدا ئەكس ئېتىدىغان، ئادەملەر سۇ بويىدا ماڭىدىغان» يېشىل يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، باغراش ناھىيەسىدىكى بېلىقچىلار باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتماقتا ( ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر سۇ قۇشى باغراش كۆلى يۈزىنى سىيپاپ ئۇچۇپ ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
بۇ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان باغراش كۆلى سۇلۇق يېرى مەنزىرىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى