تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا دۆلەت كىچىك، ئۇششاق ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن ئالتىسى كۆپەيدى

  يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 2020-يىللىق دۆلەت كىچىك، ئۇششاق كارخانىلىرىنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 117 بازا تاللانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن جەمئىي ئالتىسى بار.

  بۇ قېتىم تاللانغان ئالتە كىچىك، ئۇششاق ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ داشۆ پەن-تېخنىكا باغچىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ كىچىك كارخانىلار ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، شىنجاڭ داشۆ ئۇچۇر تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ كىچىك، ئۇششاق ئۇچۇر تېخنىكىسى كارخانىلىرىنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بازىسى، شىنجاڭ كېدا قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، قاراماي شەھىرى جوڭچۇاڭ بوشلۇق يېتىشتۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ مايتاغ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش يېتىشتۈرۈش بازىسى، شىخەنزە شەھىرى چۇاڭشياڭ كارخانا مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ چۇاڭشياڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ۋە شىخەنزە شەھىرى ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ شىخەنزە يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر تەرەققىيات رايونى كىچىك كارخانا ئىگىلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بازىسى.

  ئىگىلىنىشىچە، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ھەم كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قۇرىدىغان سورۇن ئىكەن، ئۇ ھەم كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشىنى پەرقلىق خاس يېتىشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  بۇ قېتىم تاللانغان شىنجاڭ داشۆ ئۇچۇر تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ كىچىك، ئۇششاق ئۇچۇر تېخنىكىسى كارخانىلىرىنىڭ ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، باغچە رايونى دۆلەت دەرىجىلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى كەسپىي يېتىشتۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنى تايانچ قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەقلىي كۈچ بايلىقى ئەۋزەللىكى بىلەن باشقا جەمئىيەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئۇچۇر-تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپا ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  (ئاپتور خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ گېزىتى)

  «学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى