9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېنەن ئۆلكىسى شيۇۋۇ ناھىيەسى يۈنتەيشەن بازىرى ئەنشاڭ كەنتىدىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇ مېھمانخانىسىدا ئارام ئالماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: تەيخاڭشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان خېنەن ئۆلكىسى شيۇۋۇ ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇقراۋى قونالغۇ توپى بەرپا قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇ شۇ جاينىڭ ساياھەت كەسپىدىكى بىر نام كارتىسىغا ئايلاندى. (فېڭ شياۋمىن فوتوسى)