تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاقسۇ شەھىرى: «خىزمەت ئەترىتى ياردەملەشكەچكە، كۆكتاتلار يېڭى پېتى بازارغا سېلىنىپ ياخشى باھادا سېتىلدى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى تەيفاڭ فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ دولان تەۋەلىك رايونى باغۋەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار كۆكتاتچى تاڭ ۋەنگۈينىڭ كۆكتات پارنىكىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خاڭگا ئۈزۈشىگە ياردەملەشكەچكە، ۋاقتىدا سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇرالىدى.

  تاڭ ۋەنگۈي ئائىلىسىنىڭ 5.5 مو پارنىكىدىكى خاڭگالار پىشتى، ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىش كېرەك ئىدى. تاڭ ۋەنگۇينىڭ خوتۇنى جۇڭ گۇيچيۇڭنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت قىلالمايتتى، ئۇ ئۆزى يالغۇز تېخى يېتىشەلمەيتتى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەركىن توختى پارتىيەلىك كادىرلارنى باشلاپ كېلىپ خاڭگا ئۈزۈشكە ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 500 كىلوگرامغا يېقىن تىكەنلىك خاڭگاسىنىڭ يېڭى پېتى بازارغا سېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، كۆكتاتچى تاڭ ۋەنگۈي كۆكتات پارنىكىدا خاڭگا ئۈزمەكتە.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى شەن يۈەن (ئالدىدا) بىلەن زاڭ جىنيۈن كۆكتاتچىلارنىڭ خاڭگا ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەركىن توختى كۆكتاتچىلارغا ياردەملىشىپ خاڭگا ئۈزمەكتە.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كۆكتاتچىلار بىلەن بىللە ئۈزگەن خاڭگالارنى پارنىكتىن يۆتكەپ چىقىپ، سېتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى