تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاھالىلەر تۇرسۇنئاي تۇرسۇنغا ديەنزەن قىلدى: «قىزچاق، جاپا چەكتىڭىز»

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرى جاۋ يۆ): «مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىككى قېتىم يۇقۇمنىڭ سىنىقىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ پىشىپ يېتىلدىم» دېدى 21 ياشلىق تۇرسۇنئاي تۇرسۇن 9-ئاينىڭ 15-كۈنى.

  تۇرسۇنئاي ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخانا رايونى) غەربىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونى شىمالى بىكەت بەشىنچى يولى مەھەللىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك خىزمەتچى، بۇ يىل 7-ئايدا ئۇنىڭ خىزمەتكە چۈشكىنىگە بىر يىل بولدى. 7-ئايدا يۇقۇم يۈزبەرگەندە، ئۇ ئارقىغا يانمىدى، مەھەللىدىكى باشقا «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» 12 خىزمەتچى بىلەن بىر سەپتە تۇردى، ياشلار يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئاۋانگارتلار ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى.

  يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، تۇرسۇنئاينىڭ ھەر بىر كۈنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مەھەللىدىكى 40 ئائىلىلىك 120 ئاھالىگە كۈندىلىك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 60:00دە ئورنىدىن تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېببىي خادىملارغا ماسلىشىپ نوكلېئىك كىسلاتا ئەۋرىشكىسىنى يىغدى، ھەر كۈنى دورا يەتكۈزۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئەخلەت يىغىش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدى. ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەت خىزمەت قىلدى.

  «ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ئايرىپ قاچىلاپ قويۇلغان كۆكتات، مېۋە، شۇنداقلا ئاھالىلەرگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئۆيمۇئۆي تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردىم. كۆپىنچە ئۇيقۇم تولۇق ئېچىلماي تۇرۇپلا، خىزمەت ھالىتىگە ئۆتكەندەك ھېس قىلاتتىم» دېدى تۇرسۇنئاي، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ ياتقان بولسىمۇ، ئەمما ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قىلچىلىك بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدىكەن.

  «گۈرۈچ، ئۇن ئەڭ ئېغىر، مەن دائىم بىرىنچى قەۋەتتىن بەشىنچى قەۋەتكىچە كۆتۈرۈپ چىقىمەن. بەزى ۋاقىتلاردا مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتسەم، ئىچىدىكى كىيىمىمدىن سۇ ئېقىپ چۈشىدۇ» دېدى تۇرسۇنئاي، ئۇنىڭ دېيىشىچە، چوڭ بولۇپ مۇشۇ چاغقىچە، بۇنداق جاپالىق ئىشنى قىلىپ باقمىغان ئىكەن. ھېرىپ قالغاندا، ئۇ داۋاملىق «مەھەللە خىزمىتى مۇشۇنداق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئاممىغا يار-يۆلەك بولىدىغان خىزمەت، بۇ ۋاقىتتا بوشاڭلىق قىلسام بولمايدۇ، مەن چوقۇم قىلالايمەن!» دەپ ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرگەن.

  غەيرەت بىلەن ئىشلەش داۋامىدا، تۇرسۇنئاي «قىزچاق، جاپا چەكتىڭىز» دېگەن بۇ سۆزنى دائىم ئاڭلاپ تۇردى. ئاھالىلەرنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە، چىن كۆڭلىدىن ئېيتىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆز ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. «ئاھالىلەرنى ئۆزۈمنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك ھېس قىلدىم. مېنىڭ يېشىم كىچىك بولغىنى بىلەن كۈچۈم چوڭ، ئاھالىلەرنىڭ تەبەسسۇمى ۋە مەدىتى ماڭا بۇنداق قىلىشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى ئۇ.

  يىل بېشىدا يۇقۇم كۆرۈلگەندە، تۇرسۇنئاي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان ئىدى. بۇ قېتىم، ئۇ يەنىلا ئالدىدا ماڭدى، ئاددى خىزمەت ئورنىدا «كۈرەش قىلغۇچى» «تەشۋىقاتچى» «كاپالەت خادىمى» بولۇپ، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  «ئامما چاقىرسىلا، بىز ھازىر بولىمىز.» يىل بېشىدىكى ۋە تومۇز يازدىكى ئىككى قېتىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۇرسۇنئاي تۇرسۇن بىر لاياقەتلىك مەھەللە خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى