تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر تەرتىپلىك ئوقۇش باشلىدى، قاتناش ساقچىلىرى «ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش ئەندىزىسى»نى يولغا قويدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دوڭمېي خەۋىرى): «سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ، ئاستا مېڭىڭ!» 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 9دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، بىر قاتناش ساقچىسى يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان، يەنە بىر قاتناش ساقچىسى قوش يۆنىلىشتىكى ئىككى ئاپتوموبىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئەكەلگەن ئاپتوموبىللار دەرھال توختاپ دەرھال ماڭاتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، بىر قاتناش ساقچىسى ئۆتۈشۈۋاتقان ئاپتوموبىللارغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولدى.

  9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ تەرتىپلىك ئوقۇش باشلىشى، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمال ئىزىغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئەتىگەنلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سىيماسىدىن باشقا، ئاپتوموبىل ۋە ئادەم ئېقىمى ئارىسىدا، يەنە قاتناش ساقچىلىرى ۋە مەكتەپلەر مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ «ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش ئەندىزىسى»نى باشلىۋەتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جيېفاڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى چى لوڭخەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە، بۇ ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ خەلق ساقچىلىرى تەۋەلىك رايونىدىكى 10 ئاساسلىق يول ئېغىزىدا ئىش ئورنىغا بېرىپ بولغان، كوچىغا يېقىن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدى ھەم ئەتراپتىكى ياشلار يولى، ۋۇشىڭ يولى، جيەنكاڭ يولى، جيەنگو يولى، دۇڭفېڭ يولى قاتارلىق يوللاردىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن، لېكىن ھەممىسى تەرتىپلىك يۈرۈشنى ساقلىغان.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئەتىگەنلىك قاتناش ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، پۈتۈن شەھەر بويىچە مەكتەپ ئەتراپى، يول تۈگۈنلىرى ۋە يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلاردا جەمئىي 58 مەكتەپنى قوغداش ئىش ئورنى تەسىس قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئەتىگەن سائەت 8دە دەل ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا چىقىپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ۋە ئەتراپتىكى يول ئېغىزلىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى كۈز پەسىللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپ ئەتراپىنىڭ يول قاتناش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، قاتناش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ شەھەر رايونىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ، قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى ۋە باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئايرىش بىخەتەرلىك رىشاتكىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى، سىگنال چىرىغى، پىيادىلەر توغرا يولى، سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلبېغى قاتارلىق باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول لىنىيەسى ۋە يۈرۈش قائىدىسىنى ئىلمىي پىلانلىغان. (سۈرەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى