تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ): ئەگەر سىز يول بويى شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىكى قارلىق تاغ، ئوتلاق، كۆل ۋە ئورمانلىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ، نارات، سايرام كۆلى ۋە بايىنبۇلاقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش سەپىرىڭىزنى باشلاڭ.
9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، نارات، سايرام كۆلى ۋە بايىنبۇلاقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونى تۇنجى قېتىم ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارغا ئېتىبار بېرىش يۈرۈشلۈك بېلىتىنى يولغا قويدى. «يۇقۇمدىن كېيىن، نۇرغۇن ساياھەتچى ئارىلىق ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىدى، بىزنىڭ بۇ ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىمىز مەخسۇس ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى قىلىندى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدۇق» دېدى نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چې خۇا.
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يۈرۈشلۈك بېلىتى ئۈچ ۋاراقلىق كىرىش بېلىتى ۋە ئىككى ۋاراقلىق كىرىش بېلىتى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۈچ ۋاراقلىق كىرىش بېلىتى ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىشلىتىش ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئەسلىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بويىچە 415 يۈەنلىك بىر كىشىلىك بېلەتنىڭ ئېتىبار باھاسى 250 يۈەن، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئۈچ مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يۈرۈشلۈك بېلىتىنىڭ بىر كىشىلىك ئېتىبار باھاسى 200 يۈەن بولىدۇ.
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يۈرۈشلۈك بېلىتى(ئىككى ۋاراقلىق كىرىش بېلىتى) ئىككى چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، سايرام كۆلى ۋە نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ئەسلىدىكى 275 يۈەنلىك بىر كىشىلىك كىرىش بېلىتىنىڭ ئېتىبار باھاسى 150 يۈەن؛ 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، سايرام كۆلى ۋە نارات مەنزىرە رايونىنىڭ بىر كىشىلىك ئېتىبار باھاسى 100 يۈەن بولىدۇ. نارات مەنزىرە رايونى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئىش بېجىرىش كۆزنەكلىرىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يۈرۈشلۈك بېلىتى سېتىلىدۇ. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)