تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى تاماملاندى

G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارى مۇخبىر ليۇ يۈجىڭ، يۈەن يۆ خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى بويىچە قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇش يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، بۇ، بۇ قۇرۇلۇشتا يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ يولدا يۈرۈش سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن شياۋساۋخۇغىچە بولغان ئارىلىق ئەسلىدىكى ئىككى سائەتلىك مۇساپىدىن بىر سائەتكە قىسقىرايدۇ.

   شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شياۋساۋخۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن باشلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شەرقىي لىنىيەسىدە ئولانباي بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 121 كىلومېتىر، پۈتۈن لىنىيە قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرىتى 120 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

   بۇ تۈردە ئۈچ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك(ئەرشىلىدەن ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى 1260 مېتىر، ئۈرۈمچى دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى 1100 مېتىر، شەھەر جەنۇبى تاشقى ئىقتىساد-سودا رايونى ئالاھىدە كۆۋرۈكى 1100 مېتىر)، ئايرىلما، ئۆتۈشمە ھالەتتىكى يەتتە جاي(شياۋساۋخۇ، داۋانچىڭ، ئەرشىلىدەن، يەنخۇ، جىدۇڭ، جىنەن، ئۇلانباينىڭ غەربىدىكى ئۆتۈشمە شەكىللىك ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك) تەسىس قىلىنغان.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تۈردە يۇقىرى يۆنىلىشكە ماڭىدىغان لىنىيە تونېلىدىن بەشى، تۆۋەن يۆنىلىشكە ماڭىدىغان لىنىيە تونېلىدىن ئىككىسى يېڭىدىن ياسىلىدۇ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىڭخۇاسۇن 1-نومۇر(قوش يۆنىلىشلىك)، شىڭخۇاسۇن 2-نومۇر(قوش يۆنىلىشلىك)، بەيياڭخې تونېلى(يەككە يۆنىلىشلىك)، داۋانچىڭ تونېلى(يەككە يۆنىلىشلىك قوش تونېل)دىن ئىبارەت.

   مۇخبىرنىڭ شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يول بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش تۈرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ «تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنى سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا ئۆزگەرتىش» تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2016-يىلى 8-ئايدا ئالدىن ئىش باشلانغان. بۇ تۈردە كۆۋرۈك، تونېل بىر قەدەر كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىڭخۇاسۇن 1-نومۇرلۇق تونېلى يەككە ئۆڭكۈردىكى تۆت ئاپتوموبىل يولىدىن ھالقىغان دەرىجىدىن تاشقىرى تۈز چوڭ كەسمە يۈزلۈك تاشيول تونېلى ھېسابلىنىدۇ، ئارىلىقى 20 مېتىردىن ئاشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى تۆت ئاپتوموبىل يولى بار چوڭ كەسمە يۈزلۈك تونېل مەملىكەت مىقياسىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

   شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يول بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شەرقتىن غەربكە جياڭسۇدىن شىنجاڭغىچە بولغان ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4280 كىلومېتىر بولۇپ، داڭلىق ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى تاشيول 1998-يىلى شىنجاڭدا ياسالغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى بولۇپ، پۈتكەندىن بۇيان 22 يىل ئىشلىتىلگەن.

   G30 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2019-يىلى تاماملاندى، تۇرپاندىن شياۋساۋخۇغىچە بولغان يول بۆلىكىنىڭ ئېچىلىشى ھەم بۇ قېتىم پۈتۈپ قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى تۈرى قوشۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭ ئىچىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى