تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن تۆۋەن بولىدۇ

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مېڭفەن): بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭدا ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىدىن باشقا جايلاردا بەزىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق  بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن تۆۋەن بولۇپ، كۈز شامىلى چىقىدۇ، ھاۋا سالقىن بولىدۇ.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 8:15تە، ئۈرۈمچىدە قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە.(ياڭ گۇاڭ فوتوسى)

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئۆتكۈنچى يامغۇر يىغىپ كېيىن ھاۋا ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃25، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃13 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

  بۈگۈن ئۆتكۈنچى يامغۇر ۋە سىم-سىم يامغۇر(تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئايلىنىدۇ ياكى قار ياغىدۇ)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ شىخەنزە-قۇتۇبى بۆلىكى جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونى، قۇتۇبى-ئۈرۈمچى بۆلىكى، لياۋدۇن-قومۇل بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى، G217 لىنىيەسىنىڭ چورما-ئاغى بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ تۇرگىن-خېجىڭ بۆلىكى، G7 لىنىيەسى، G314 لىنىيەسىنىڭ قونجىراپ-تاشقورغان بۆلىكى، كۇچا-كورلا بۆلىكى شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى، G315 لىنىيەسىنىڭ يەكەن-قاراقاش بۆلىكى غەربىي جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونلىرى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى