تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 96- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 96- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى 18- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 96 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - قېتىملىق يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - قېتىملىق يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ كىلىمات بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىش، پايدىلىنىش نىزامى(دەسلەپكى لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت نىزامى(دەسلەپكى لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى(تۈزىتىلگەن دەسلەپكى لايىھە)» «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى(دەسلەپكى لايىھە)» «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئېقىنتال شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى(دەسلەپكى لايىھە)» قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق بېجىغا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى، ھېسابلاپ ئېلىش ئۇسۇلى ھەم باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش چارىسىنى بېكىتىش، «<ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى سايلام چارىسى> قاتارلىق 12 يەرلىك نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ «قومۇل شەھىرىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «تۇرپان شەھىرىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم سۈپىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» «كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى» «<بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قايدۇ - كۆنچى دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ سۇ مۇھىتىنى ئاسراش ھەم بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار» تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2020 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2020 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىجراسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە)، 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە يۆتكىمە چىقىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنى تاماملاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» ھەم «ئاپتونوم رايوننىڭ <يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2020 - يىللىق تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بەزى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» (قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان دەسلەپكى لايىھە) قاتارلىقلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى