تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەر ۋاقىت سىنلىق سۆزلەشكىلى بولىدىغان بولدى، جاھاننىڭ چېتىدە بولسىمۇ قوشنىلاردەك ئارىلىق يېقىن بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئىلگىرى، تېلېفون ئاز ئۇچرايدىغان نەرسە ئىدى.

«ئۇ چاغدا، بىز <بىنادا ئولتۇرۇش، ئېلېكتىرلىشىش>نى ھاللىق تۇرمۇش دەپ قارايتتۇق. 20 يىلدىن بۇيان، يان تېلېفون ھەشەم بۇيۇمدىن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ ھازىر، سىنلىق پاراڭلىشىش <جاھاننىڭ چېتىدە بولسىمۇ قوشنىلاردەك ئارىلىق يېقىن بولۇش>نى رېئاللىققا ئايلاندۇردى!» دېدى سابىق شىنجاڭ پوچتا - تېلېگراف باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن جاۋ گويۈ ھاياجانلانغان ھالدا.

خەۋەرلىشىش كەسپى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق، باشلامچى كەسپى، شۇنداقلا بەختلىك تۇرمۇشنىڭ جەمئىيەت ئالاقە ئاساسى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەۋەرلىشىش كەسپى 5G قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى، خەۋەرلىشىش كەسپى مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى بىلەن ئاممىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپى يېڭى پەللىگە قەدەم قويدى. 2012 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا تېلېگراف كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 24 مىليارد 670 مىليون يۈەندىن 164 مىليارد 440 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تېلېفون ئابۇنىچىلىرى 25 مىليون 486 مىڭدىن 32 مىليون 329 مىڭغا كۆپەيدى، كۆچمە تېلېفون ئابۇنىچىلىرى 20 مىليون 85 مىڭدىن 28 مىليون 275 مىڭغا، كۆچمە ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى 12 مىليون 99 مىڭدىن 22 مىليون 909 مىڭغا كۆپەيدى.

رەقەملىك ھاڭ تولدۇرۇلدى

دۇنيا ناھايىتى يېقىنلاشتۇرۇلدى

1992 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرۇش ناھايىتى قولايسىز ئىدى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تەرەپلەر سودىگەرلەرگە ئالايىتەن 40 تېلېفون ئورنىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىرتقا ئۇرۇش ناھايىتى تەس ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن بىر سودىگەر، ئەسلىدە بىر ھەمكارلىق تۈرىنى كېڭىشىپ بولغانىدى، بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ ئەپسۇسلانغان ھالدا ھەمكارلىقنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

خەۋەرلىشىش راۋان بولمىسا، دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىق شۇنچە يىراق بىلىنىدۇ. بەلكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچىنى دېمەيلا قويايلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چەت تاغلىق كەنتلەردىمۇ كىشىلەر خەۋەرلىشىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى.

قاغىلىق ناھىيەسى شىخىشۇ يېزىسىنىڭ يار ئاغزى كەنتى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كىچىك كەنت بولۇپ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور ئىدى. ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ ئاپتوموبىلدا بىر كۈن يول يۈرۈپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان قارلىق تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولاتتى.

2019 - يىلى، كەنتكە 100 مېگابايتلىق ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ بىلەن 4G تورى تۇتاشتۇرۇلدى، ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا تاغ - دەريالار توسالغۇ بولالمىدى.

«ئىلگىرى كەنتتە خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى يوق ئىدى، سۆزلەشكەندە ئاۋاز ئۈزۈلۈپ - ئۈزۈلۈپ ئاڭلىناتتى، كۆپىنچە ۋاقىتتا، يان تېلېفوننى پەقەت زىننەت بۇيۇمىدەك ھېس قىلاتتىم. ھازىر ياخشى بولدى، سىگنال تولۇق، تور راۋان، مەن دائىم شەھەردىكى ئاكام بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى ئەنۋەر قۇربان.

يار ئاغزى كەنتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزگىرىش بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان بىر قاتار دۇكانلار ئالدىدا، كەنت ئاھالىسى تۇماگۈل ياسىن ئاچقان تورت دۇكىنىدىن شوخ مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، يېڭىدىن چىققان ھەرخىل پېچىنە - پىرەنىكنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كىشىنىڭ ئىشتىيىنى غىدىقلايتتى، تورتنىڭ ئۈستىدىكى رەڭلىك قايماقتىن ياسالغان گۈللەر خۇددى راست گۈلدەكلا كۆرۈنەتتى.

«ھازىر توردا ھەرخىل پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش دەرسلىكى بار، كەنتكە تور تۇتاشتۇرۇلدى، ھەر ۋاقىت ئۆگەنگىلى بولىدۇ. مەن تېخىمۇ كۆپ مەززىلىك پېچىنە - پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ تەملىك قىلىمەن» دېدى تۇماگۈل.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شەھەر - يېزا تور قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 5904 مەمۇرىي كەنت ھەم بىڭتۇەن ليەندۈيلىرىنىڭ ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ قۇرۇلۇشى تاماملاندى، 1003 مەمۇرىي كەنتنىڭ 4G ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلماقتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 1962 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغلىق، خەۋەرلىشىش تورى بىلەن تولۇق قاپلاندى.

«مەمۇرىي كەنتلەرگە كەڭ بەلباغ تورنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى ۋە 4Gنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ھەممىسى %99 تىن ئاشتى. خەۋەرلىشىش تورىنىڭ راۋان بولۇشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا <بارماق ئۇچىدىكى بەخت>نى ئاسانلا ھېس قىلدۇردى» دېدى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ما جۇچىڭ.

تورغا چىقىش مودىغا ئايلاندى

تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىلدى

«تورغا چىقارغان تۇنجى كۈنىلا 20دىن كۆپرەك زاكازغا ئىگە بولدۇم، ئىككى كۈندىلا 160 كىلوگىرام سېتىلدى، مەن ھازىر ھەر ئايدا 4000 − 3000 يۈەن كىرىم قىلىمەن.» 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسى قۇمۇشئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ھاشىم نامەت مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ يەرلىك ھەسىلىنى تور سۇپىسىغا چىقارغاندىن كېيىن، زاكاز ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، تۇرمۇشىمىزنى ھەسەلدەك شېرىن ھېس قىلىۋاتىمەن.

خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ھاشىمغا ئوخشاش مىليونلىغان دېھقان - چارۋىچىنى تاشقى دۇنيانى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى قاناتلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يىراقلارغا پەرۋاز قىلدۇردى.

«بىر يان تېلېفون بىلەنلا ئۆيدىن چىقماي، كەنتنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتالايمىز.» ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى تاشتا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئەخمەت تۇردى تورغا چىققاندىن كېيىن، كەنتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن «توردا مال تونۇشتۇرىدىغان دىكتور» بولۇپ قالدى. «بۇلتۇر، مەن توردا كەنتتىكى 150 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 100 توننىدىن كۆپرەك ياڭىقىنى سېتىشىغا ياردەملەشتىم، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمى 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 117 ئائىلە نامرات ئائىلە» دېدى ئەخمەت پەخىرلەنگەن ھالدا.

تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇش، يان تېلېفون ئىشلىتىشتىن ھەممىلا جايدا ئالاقە تورى ئىشلىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالدىن يەنە ھەممىنى تۇتاشتۇرۇشقىچە، خەۋەرلىشىش كەسپى ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئېنېرگىيە بەرگۈچىگە ئايلاندى. تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە «ئالاقە تورى +» ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىردى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، ئاقىل ساياھەت سۇپىلىرى كارامىتىنى نامايان قىلىپ، ھەم دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەم ساياھەتچىلەرنى غىزالىنىش، قونالغۇ، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

«بىر ئىشىكتىن كىرىپ، نۇرغۇن ئىشنى بېجىرىش»، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلۇق، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە ئىش بېجىرىشى ھەم تېز، ھەم قولايلىق بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ، يان تېلېفون، كومپيۇتېردا ئىش بېجىرەلەيدىغان بولدى؛ سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن يان تېلېفونغا قاراپلا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر يول ئەھۋالىنى ئالدىن بىلەلەيدىغان، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغانلارمۇ ئاپتوبۇسنىڭ بېكەتكە يەنە نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەلەيدىغان بولدى؛ يان تېلېفون ئارقىلىق ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىشنى ئالدىن كېلىشىش ئۆچرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىشنىڭ جاپاسىنى ئازايتتى، ئاقىل شەھەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

5G تېز ئومۇملاشتى

كەلگۈسى تېخىمۇ رەڭدارلاشقۇسى

كىشىلەرنىڭ كۆچمە سانلىق مەلۇماتقا بولغان ئېھتىياج مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 5 - ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى − 5G ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. 2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە 5Gنى سودىدا ئىشلىتىش ماس قەدەمدە باشلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە 5G ئېچىلغان 50 شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جياڭ جىشىڭ شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىدىكى ئالدىن كېلىشىش سۇپىسىنىڭ تۇنجى 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى ئالدىن كېلىشكەن ئابۇنىچى. «ئەڭ ئېنىق ھېس قىلغىنىم تېز ئىكەن، بولۇپمۇ ئويۇن ئوينىغاندا تور سۈرئىتى كۈچ بېرىدىكەن، قېتىۋالمايدىكەن، كۆرۈنۈش تېخىمۇ سۈزۈك چىقىدىكەن» دېدى جياڭ جىشىڭ. «بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 5G تور سىگنالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشى 5G يان تېلېفونىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى» دېدى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يول تىجارەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سۈي خەيفېڭ. شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا 5G ئاساسىي ونكىتىدىن جەمئىي 4054ى قۇرۇلغان، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 3951ى ئېچىلغان، ئاچقان ئابۇنىچى 1 مىليون 421 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 2386نى قۇرۇش تاماملانغان.

5Gنىڭ ئۆزگەرتكىنى تور سۈرئىتىلا ئەمەس. بۇ يىل 7 - ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش چېڭدۇ كەسىپ تەتقىقات يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ، ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئىچىدە تۇنجى 5G ئاقىل دوختۇرخانىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىدى. «5G يىراق مۇساپىلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قوللىنىلىشى تېببىي تەسۋىر سانلىق مەلۇماتىنى تېخىمۇ سۈزۈكلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ دوختۇرلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. چوڭ كەڭ بەلباغ، ۋاقىت ئۇزىرىشى تۆۋەن بولۇش ئالاھىدىلىكى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى تاڭ باۋپېڭ. چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇساپە كودىدىن تارتىپ «بۇلۇت دەرسخانىسى»، ئائىلىدە ئىش بېجىرىش، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشقىچە، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ سىنىقىدا، 5G تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەر غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 5G يىراق مۇساپىلىك تەكشۈرۈش، ئېلېكتىر تورى VR چارلاپ تەكشۈرۈش، كۆمۈرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە قوللىنىلىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ تېجىلىش بىلەن بىللە، خىزمەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايون بۇ يىل 5G تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، 5G تورىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 5Gنى سودىدا ئىشلىتىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ توختىماي يېڭىلىنىشى مۇقەررەركى شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى