تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، ماس ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى ساقلايدىغان قىلىش كېرەك.

غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزلىك تەربىيەنى كۈندىلىك تەربىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈش، تەشكىلىي تەربىيەنى ئۆز - ئۆزىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەش كېرەك. يېقىن، قولاي جايدىكى قىزىل بايلىق، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى مەخسۇس تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مۇھىم، زور ۋەقەلەر، مۇھىم يىغىنلار، مۇھىم ھۆججەتلەر، مۇھىم شەخسلەرنى ئۆگىتىپ، چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان قىلىش كېرەك.

دائىملىق سىياسىي جەھەتتە سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر قورالنى تولۇق، ياخشى ئىشلىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا خىلاپ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنى رەھبەرلىك بەنزىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سەپەرۋەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. مەسىلىگە يۈزلىنىشكە، زىددىيەتكە تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، خىزمەتتە ئۇزاققىچە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى ئۇزاققىچە ھەل قىلالمىغان رەھبەرلىك بەنزىلىرى، چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلغان رەھبىرىي كادىرلار، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا «باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغان، كەينىگە سۆرىگەن، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەن» پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

دىققەتنى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى خىزمەتلەرنى پىلانلاش، تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ياخشىلاپ، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

قەتئىي بوشاشماي ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ غەم قىلغان، ئەڭ ئارزۇ قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىللىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلار پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش تەلىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك شەكلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، رەھبەرلىكنى رازى قىلدىم دەپلا ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقى كېرەك.

دائىملاشقان مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.