تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى، ليېچتېنستېيننىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى تەخت ۋارىسى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە، جۇڭگو - ليېچتېنستېين دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى، ليېچتېنستېيننىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى تەخت ۋارىسى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى سوممارۇگا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: شىۋېيتسارىيە ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ «باراۋەر بولغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان» جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مەن جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، فېدېراتسىيە رەئىسى سوممارۇگا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن. جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

سوممارۇگا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىۋېيتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 70 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. دەل ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قويۇق، دوستانە مۇناسىۋىتى بولغاچقا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، شىۋېيتسارىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتەلەيدۇ. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ليېچتېنستېيننىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى تەخت ۋارىسى ئالوئىس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ليېچتېنستېيننىڭ ئارىلىقى يىراق، تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئارىلىق ۋە پەرق ئۆزئارا دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى توسۇپ قالالمىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ليېچتېنستېيننىڭ دوستلۇقى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو - ليېچتېنستېين مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيىتى چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنى ناھايىتى ياخشى شەرھلەپ بەردى. مەن جۇڭگو - ليېچتېنستېين مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى تەخت ۋارىسى ئالوئىس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - ليېچتېنستېين مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن. جۇڭگو - ليېچتېنستېين دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ئالوئىس تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 70 يىلدىن بۇيان، ليېچتېنستېين - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى ھەم بىر - بىرىنى قوللىدى. ليېچتېنستېين - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى، بۇ، ھازىرقى خىرىسقا تولغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئىنتايىن قىممەتلىك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.