تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

قۇملۇقتا لىمەي تېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولدى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن): ئىلگىرىكى تاشلاندۇق قۇملۇقتا باشاق چىقارغان لىمەينى كۆرۈپ، يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرى ئاۋات كەنتىدىكى ئىسمايىل قاسىم ھاياجانلانغان ھالدا: «لىمەي تېرىپ، ئائىلەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدىغان بولدى» دېدى.

    «ھازىر بىر سورتتىن ھوسۇل ئېلىپ بولدۇق، ھەر مو يەردىن تەخمىنەن 270 كىلوگرامدىن 280 كىلوگرامغىچە ھوسۇل ئالدۇق. يەرلىك دېھقانلارنىڭ لىمەي تېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مولېكۇلا ئۆسۈملۈك ئىلىمى جويۆ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى شاڭخەي ئۆسۈملۈك ئوڭۇشسىز شارائىت بىئولوگىيەسى تەتقىقات مەركىزى(قىسقارتىلىپ «ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى»دېيىلىدۇ)نىڭ تەجرىبە خادىمى ۋاڭ خۇڭۋېي.

    لىمەي شورغا، ئۈنۈمسىزلىككە، قۇرغاقچىلىققا، سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالقىشلانغان «ۋاڭخۇڭ» ساغلاملىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

    2019-يىلى، ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ تەجرىبە خادىملىرى يەكەندە تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى، شورلىشىشى قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەرنى يېڭىپ، 1200 خىل يېتىشتۈرۈلگەن سورت ئىچىدىن شۇ جايدا تېرىشقا ماس كېلىدىغان 13 خىل سورتنى تاللاپ چىقتى.

   شۇ يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەكەن ناھىيەسىدە لىمەي سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تېرىلدى، 7-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيە، شەھەرلىرىدە لىمەينى يازلىق تېرىش سىنىقى قانات يايدۇرۇلدى. «تەجرىبە ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 7-ئايدا تېرىلىپ بولغان لىمەينىڭ دېنى توق، مەھسۇلات مىقدارى ئەتىيازدا تېرىلغىنى بىلەن تەڭ بولۇپ، لىمەينى ئىككى پەسىلدە تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ۋاڭ خۇڭۋېي.

    كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لىمەيگە بولغان تونۇشى، لىمەي تېرىش تېخنىكىسىنى چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى شۇ جايدىكى دېھقانلارنى يەر باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، چارەك بازىرى ئاۋات كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئوسمان ھەسەن دەل تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ بىرى. ئوسمان ھەسەن ئۆزىنىڭ بەش مو يېرىنى لىمەي ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئوبوروت قىلدى، ئۆزى يەنە بۇ بازىدا ئىشلەمچىلىك قىلدى. «ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن، يەر ئوبوروت كىرىمىنى قوشقاندا بىر يىللىق كىرىمىم 25 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى ئوسمان ھەسەن.

    يەكەن ناھىيەسىدە لىمەي تېرىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى كۆپ قېتىم تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى كەنتلەردىكى دېھقانلارنى لىمەي ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

    «16 مو يەرگە لىمەي تېرىدىم، ھەر مو يەردىن 3500 يۈەن كىرىم قىلدىم. ئۇنىڭدىن باشقا بىر مو يەرگە 500 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، يەنە ئۇرۇقلۇقنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، مەن كېلەر يىلى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ئىسمايىل قاسىم.

    ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ لىمەي تېرىلغۇ كۆلىمى 9600 موغا يېتىپ، ۋىلايەت بويىچە 12 ناھىيە، شەھەردىكى 20دىن ئارتۇق تېرىقچىلىق نۇقتىسىغا تارقالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى