تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بورتالا ئوبلاستىنىڭ 20 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت بازىرىغا «ئوت ياقتى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ لى): 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى ھەم بورتالا ئوبلاستى ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى، «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» تېمىسىدىكى دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى، سايرام كۆلى لەگلەك بايرىمى... 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، بورتالا ئوبلاستى 20 نەچچە تۈرلۈك كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنى يولغان قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن.

  مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرى ئاساسلىقى دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈزەل سەنئەت خەتتاتلىقى، غەلىتە تاش ئويما ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، سايرام كۆلى «دۆلەت بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش جۇڭچيۇ بايرىمىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىلىق پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ قېتىمقى كۈزلۈك، قىشلىق مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىگە نۇرغۇن تەنتەربىيە تۈرلىرى يېڭىدىن قوشۇلدى، مەسىلەن: سايرام كۆلىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، شىنجاڭ ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسى، پىيادە مېڭىش پائالىيىتى، دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار. «مەدەنىيەت+ساياھەت+تەنتەربىيە» ساياھەتچىلىك ھالىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئارىشاڭ ناھىيەسى يەنە «نادام» ئوتلاق بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بولغان «نادام»نى ھېس قىلىش پائالىيىتى تەييارلىدى، ئاساسلىقى چېلىشىش، بۇقىچىلاپ ئارغامچا تارتىش، چاق ئۆرۈش، ئات چاپتۇرۇپ خادا تىرىش، ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش، قول قايرىشىش، ئارغامچا تارتىشىش، قىز قۇۋار، ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى بار.

  نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستىدىكى A دەرىجىلىك 12 دالا مەنزىرە رايونى پەيدىنپەي ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۆرسەتمىسى» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەكلىك مىقداردا، تەرتىپلىك ئېچىپ، بىلەتنى ئالدىنى كېلىشىپ سېتىۋېلىش، ئارىلىق قالدۇرۇپ كىرىش، ۋاقىت سۈرۈپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى