تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2020-يىللىق «تيەنجىن-خوتەن» ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان خوتەنگە يېتىپ كەلدى، تيەنجىنلىق ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ سەپىرى باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى): 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2020-يىللىق «تيەنجىن-خوتەن» ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان تيەنجىندىن خوتەنگە يېتىپ كەلدى، تيەنجىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت سەپىرىنى باشلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى شىنجاڭدا ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بىر ھەپتە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، «تيەنجىن-خوتەن» ناملىق ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى ئوڭۇشلۇق يولغا چىققان.

  خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، «2020-يىللىق تيەنجىن-خوتەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېيى باش تېمىلىق پائالىيىتى» يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ ئارىلىقتا بەش قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋاقتى سەككىز كۈن بولىدىكەن. ئارقىدىن، «بېيجىڭ-خوتەن»، «ئەنخۇي-خوتەن» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىمۇ ئارقا-ئارقىدىن خوتەنگە يېتىپ كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى