تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كېپەك يوقىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ھەپتىدە پەقەت بىر قېتىم ئىشلىتىش كېرەك

     كېپەكنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەمنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، چىدىغۇسىز قىچىشىشمۇ ئادەمنى ئازابلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر نەزەرىنى كېپەك يوقىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا قارىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش چاچ كېپەكلىشىشنى ماھىيەتتىن تۈزىيەلمەيدۇ.

  باش كېپىكى ئادەم بەدىنىدىكى ئېپىدېرما مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز سويۇلۇشىدىن پەيدا بولغان تېرە كىرى بولۇپ، ماددا ئالمىشىشنىڭ مەھسۇلى، بەزىدە باش كېپىكى پەيدا بولۇش نورمال ھادىسە. ھاسىل بولۇش شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ فىزىيولوگىيەلىك ۋە پاتولوگىيەلىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. فىزىيولوگىيەلىك كېپەك بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ بىر خىل قۇرغاق تېرە كېپىكى بولۇپ، كېپەكسىمان ئاقۇچ كۈلرەڭ ئۇۋاق ھالەتتە ئىپادىلىنىپ چاچ ئارىسىغا چېچىلىپ تۇرىدۇ. ئاز مىقداردىكى فىزىيولوگىيەلىك باش كېپىكىمۇ مايلىق تېرە كېپىكى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، يەنى باش تېرىسى ۋە چاچنىڭ ئۈستىدە مايلىق يېپىشقاق، سىلىق سېزىم پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئۈستىدە قېلىن-نېپىزلىكى ئوخشاش بولمىغان قاقاچ بولىدۇ. پاتولوگىيەلىك باش كېپىكى باش تېرىسى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ياكى باشقا فىزىكىلىق، خىمىيەلىك زەخىملىنىشتىن باش تېرىسى ياللۇغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە باش كېپىكى كۆپ بولۇش، تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قېلىش، چاچ زىيانغا ئۇچراش، ھەتتا باش تېرىسى قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

  دائىم ئۇچرايدىغان كېپەك يوقىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى رېئاكتىپ، چوڭ مولېكۇلالىق كاتىئون پولىمېرى، كېپەك يوقىتىش رېئاكتىۋى ۋە سىلىتسىيلىق ماي بولىدۇ. چوڭ مولېكۇلالىق كاتىئون پولىمېرى باشنى يۇيغاندا يېلىم ھالىتىگە كېلىپ، كېپەك يوقاتقۇچى رېئاكتىۋنى ئوراپ، باش تېرىسىگە چۆكىدۇ، ئاندىن باش تېرىسىدىكى زەمبۇرۇغنى يوقىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېپەك يوقىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، باش تېرىسىدىكى نورمال باكتېرىيە توپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، باش كېپىكىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، باش كېپىكى بار كىشىلەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئىشلەتسە بولىدۇ، كېپەك يوق كىشىلەرگە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى