تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز پەسلىدە بەدەن قۇۋۋەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ

كۈز بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق پەسىل، گۆشلەرنى يەپ زېرىككەن بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ «گۆھەر كۆكتات»نى يەپ سىناپ بېقىڭ.

ۋوسۈن: يۇمران ئەتلىك، خۇشپۇراق، ھەممە كىشىلەرگە ياقىدىغان كۆكتات بولۇپ، مەيلى شورپا قاينىتىڭ، قورۇما قورۇڭ ياكى خوگو قىلىڭ، ئىنتايىن يېيىشلىك بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ۋوسۈن يوپۇرمىقىنى يېمەي تاشلىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە يوپۇرمىقىدىكى كاروتېن بىلەن ۋىتامىن B1، C، B2 قاتارلىقلار ۋوسۈننىڭ ئۆزىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، يوپۇرمىقىنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە يۆتەلنى توختىتىدۇ، شۇڭا كۈز پەسلىدە يۆتىلى بار كىشلەرنىڭ كۆپرەك يېيىشىگە ماس كېلىدۇ.

خۇاسەي: خۇاسەينىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A بىلەن ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئېتى يۇمشاق، تەمى تاتلىق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھەمدە تال-ئاشقازىنى ئاجىز، ھەزىم قىلىشى ناچار كىشلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش، قان تومۇرلارنى تازىلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، قۇرغاقلىقنى تۆۋەنلىتىش، ئۆپكە ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش رولى بار، يەنە نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كۈزلۈك ئاپتەپپەرەس: كۈزلۈك ئاپتاپپەرەسنىڭ «كۆكتاتلار شاھى» دەيدىغان گۈزەل نامى بار، ئۇ چۈرۈك، شىرنىلىك، يۇمشاق، كۆڭۈلگە تەگمەيدىغان بولۇپ، تەمىمۇ ئۆزگىچە. ئۇنىڭ تەركىبىدە مېۋە يېلىمى، پولىساخارىد قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولۇپ، ئاشقازاننى ئاسراش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئورۇقلىتىش، كالتسىي تولۇقلاش رولى بار؛ يەنە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، كۈزدىكى ھارغىنلىقنى پەسەيتىپ، پۈتۈن كۈن روھىي ھالىتىڭىزنى ياخشى قىلىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، كۈزلۈك ئاپتەپپەرەسنىڭ تەركىبىدە فلاۋون، ۋىتامىن C ۋە كاروتىن مول بولۇپ، ئىچكى ئاجرالمىلارنى تەڭشەپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن، يەنە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولىمۇ بار ئىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى