تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز كېنجېتاي، جاڭ ۋېنتىڭ، قايزات خەۋىرى): يەنە بىر يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش پەسلى يېتىپ كەلدى. يېقىندا، تەۋەلىكتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ داشۆ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار بۇ يىللىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.
ئايمان سېلىق تۇرگۇن يېزىسى ئاققىرقا كەنتىدىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ شاڭخەي تۇڭجى داشۆسىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى ئۇنىڭ داشۆگە ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا 3000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى.
ئاققىرقا كەنتى ئالتۇن كۈزدە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن، مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىشتە تېگى-تەكتىنى تەكشۈرۈشنى پۇختا ئېلىپ بېرىپ، ياخشى خاتىرىلەپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا نامرات ئائىلىدىن بولغان 28 ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى بېكىتتى.