تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تىيانشان ئېتىكىدىكى ئوقۇتقۇچى: بۇ مېنىڭ يۇرتۇم، مەن بۇ يەردىكى بالىلارنى ياخشى كۆرىمەن

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 8-يىللىق 3-سىنىپتا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلىگراممىسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ خەن، چۈ يەنخەن): يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى، ئوقۇش باشلاندى، تىيانشان ئېتىكىدىكى ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭرىدى. 50 ياشلىق يېزا ئوقۇتقۇچىسى جۇڭ چاڭپىڭ يەنە ئۈچ بۇلۇڭلۇق سىزغۇچنى ئېلىپ ساۋاقداشلارغا گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى ئۆگەتتى. 30 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن جۇڭ چاڭپىڭ دەرسخانا مۇنبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم بېرىپ، يېزا-كەنتلەردىكى بالىلارنىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسىنى يورۇتتى.

يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبى، تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى يانتۇ بەلباغقا جايلاشقان. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، مەكتەپ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش باشلىدى. ئوقۇتقۇچىلار مۇددەتتىن بۇرۇن مەكتەپكە بېرىپ تازىلىق ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىدى، ئوقۇغۇچىلارغا بىر-بىرلەپ تېلېفون بېرىپ، ساغلاملىق، يۇقۇم مۇداپىئە ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، مەكتەپ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك سەپلەپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى.

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 8-يىللىق 3-سىنىپتا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 912 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە، 144 نەپىرى چەت، يىراق تاغلىق رايوندىن كەلگەن مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى. جۇڭ چاڭپىڭ مۇنداق دېدى: «تاغلىق رايوندىن كەلگەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز، تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ، مەن يۇمۇرىستىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مول بەدەن تىلى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغايمەن».

جۇڭ چاڭپىڭ يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى جايلاشقان يۇڭفېڭ بازىرىدا چوڭ بولغان، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭ چاڭپىڭ بارلىق زېھنىنى، ۋاقتىنى ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىپ، قىزغىنلىقى ۋە ياشلىق باھارىنى دەرس مۇنبىرىگە بېغىشلىدى.

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 8-يىللىق 3-سىنىپتا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلىمەكتە (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئىگىلىشىچە، جۇڭ چاڭپىڭ ھەر كۈنى ئەڭ بالدۇر مەكتەپكە بېرىپ، ئەڭ كەچ مەكتەپتىن ئايرىلىدىكەن، ھەتتا توي قىلغاندىمۇ دەرس ئۆتۈشكە دەخلى قىلمىغان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەم كەسكىن ھەم يۇمۇرلۇق ئوقۇتقۇچىنى ياخشى كۆرىدىكەن ھەمدە ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىكەن ___ جۇڭ چاڭپىڭنىڭ سىنىپىنىڭ نەتىجىسى ناھىيە بويىچە ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مائارىپ ساھەسىدە سېلىنمىنى سىجىل زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ سىياسەت، مەبلەغنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇپ، بەزى چەت، يىراق رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇرغۇن يېزا مەكتەپلىرىنى شۇ جايدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇردى. يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 8-يىللىق 4-سىنىپتا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

جۇڭ چاڭپىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئايرىلغىنىدا، بۇ يەرنىڭ تېخى كېسەك ئۆي ئىكەنلىكىنى، قىشتا ئوت قالايدىغانلىقىنى، ھازىر ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى، ئاشخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بار بولغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلچەملىك يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانى، پۇتبول مەيدانىدا يۈگۈرۈپ، توپ تېپىدىغانلىقىنى، ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، جۇڭ چاڭپىڭ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى. «بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەريانىدا، ۋاقىتنىڭ ناھايىتى تېز ئۆتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، لېكىن شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچى تاغلىق رايوندىن چىقىپ، ياراملىق ئادەم بولالىدى، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى جۇڭ چاڭپىڭ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 8-يىللىق ماتېماتىكا ئىشخانىسىدا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ دەرس تەييارلىماقتا (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 8-يىللىق 4-سىنىپتا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلار غىزالىنىپ قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن سىنىپنى تازىلىماقتا (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاستا يۈگۈرۈپ كېتىپ بارماقتا. (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) ئۇ يول بويى، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەر ئارىلىق ساقلاشنى توختىماي ئەسكەرتتى.

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئاشخانىسىدا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تاماق ئۇسۇپ بەرمەكتە (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئاشخانىسىدا، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تاماق يېمەكتە (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئۈرۈمچى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئوقۇتقۇچى جۇڭ چاڭپىڭ بىر ئوقۇغۇچى بىلەن سىرداشماقتا (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.