تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مەكتەپكە كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نۆل باشلىنىش نۇقتىسىدا دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇقىم، تەرتىپلىك ھالدا ئوقۇش باشلاپ، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈردى

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41-باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار تەرتىپ بويىچە تىزىلىپ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتمەكتە.

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلى بويىچە قوللىرىنى يۇيماقتا. (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ يۈشياڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ليۇ ۋېي، ۋاڭ چاڭتۇڭ): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەرتىپلىك ئوقۇش باشلاپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىزىغا چۈشۈردى.

  9-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلانغۇچ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كۈن. سائەت 09:30لەردە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41-باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، ھەر قايسى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ مەكتەپكە كەلگەنلىكىنى كۆردى.

  مەكتەپ دەرۋازىسى سىرتىغا تۆت مەخسۇس يول تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار 1.5 مېتىردىن ئارىلىق قالدۇرۇپ ماڭدى، تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى مەخسۇس يۈرۈش يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى تاماملىدى.

  ئوقۇتۇش بىناسى، سىنىپقا كىرىش ئېغىزلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆلچەش رايونى تەسىس قىلىندى ھەمدە يۇيۇش ھاجەتسىز بولغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

    «مەكتەپكە قايتىشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە قاتتىق دېزىنفېكسيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئېلىپ باردى، يەنە توردا بىزگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپكە كىرىش يول خەرىتىسى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن يوللاپ بەردى. مەكتەپ قوينىغا قايتىپ دەرس باشلاندى، مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم ھەممەيلەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، ئاتا-ئاناممۇ ناھايىتى خاتىرجەم بولدى» 6-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى خاسچىچگې شۇنداق دېدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى تاۋ يۈلىن مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر قايسى ھالقىلاردا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش، تاماق يېيىش، دەم ئېلىش، مەكتەپتىن ئايرىلىش قاتارلىق ھالقىلارغا قارىتا پۇختا لايىھە تۈزۈپ چىقتى. ئوقۇتقۇچى زۇ شىننىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى سىنىپلارنى تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك ئەتىگەن، چۈش، كەچتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۈچ قېتىم ئۆلچەيدۇ. ھەر قايسى سىنىپلار رەت نومۇرىنىڭ تاق جۈپلىكىگە ئاساسەن، ۋاقىت سۈرۈپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ دەرسكە چىقىپ، چۈشىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ پائالىيەت رايونىدا بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. تاماق ۋاقتىدا، مەكتەپ كۆپ ئىقتىدارلىق دەرسخانىلارنى ئېچىۋېتىدۇ، ھەر قايسى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار A ۋە B گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا ئۆز سىنىپىدا، يەنە بىر گۇرۇپپا كۆپ ئىقتىدارلىق دەرسخانىدا ئوخشاش ۋاقىتتا غىزالىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنى ھەر كۈنى ياتاق باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلار پاكىز تازىلايدۇ ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدا دەرس ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى، ھەر قايسى يىللىقلار بويىچە «نۆل باشلىنىش نۇقتىسى» ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىلدى. «ئىلگىرىكى تور دەرسى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلار دەرسنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى مىكرو دەرس قىلىپ تۈزۈپ، تور سىرتىدىكى دەرسخانىنىڭ تولۇقلىمىسى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايتا-قايتا كۆرۈشكە قولايلىق بولدى. زۇ شىننىڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار يەنە دۆلەت بايرىقى ئاستىدا سۆز قىلىش، دەرستىن ئىلگىرىكى ئۈچ مىنۇت، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى سىڭدۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى