شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىدە كۈزلۈك ئوت-چۆپ تايلاش ئاخىرلاشتى، كۆندەلەڭنىڭ بىپايان تەبىئىي يايلىقىدا باغلام-باغلام ئوت-چۆپلەر ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە مۇكاپاتلاش-ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى، يايلاقلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە چارۋا بېقىشنى چەكلەپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى. يايلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى، شۇنداقلا چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى