مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش ئادەتتە پەي تارتىشىش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر خىل مۇسكۇل ئۆزلىكىدىن قېتىۋېلىش خاراكتېرلىك قىسقىراش بولۇپ، پاقالچاق ۋە پۇت بارماقلىرىدا مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، قوزغالغاندا چىدىغۇسىز ئاغرىيدۇ، نەچچە سېكۇنتتىن نەچچە ئون سېكۇنتقىچە داۋاملىشىدۇ. بولۇپمۇ يېرىم كېچىدە پەي تارتىشىپ قالسا، دائىم ئادەم ئاغرىقتىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. كالتسىي كەملىك، قىسمەن قان ئايلىنىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ياشانغانلارنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
پۇت بارمىقى ياكى پاقالچاقنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغاندا، ياشانغانلار ئالدى بىلەن بىخەتەر جاينى تېپىپ ئولتۇرۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئېغىرلىق مەركىزى مۇقىم بولماي يىقىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يوتا-پاقالچاقنى 90 گىرادۇس قىلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئالدى تاپان ياكى پېيى تارتىشىپ قالغان تەرەپتىكى پۇتنىڭ باش بارمىقىنى تۇتۇپ، ئۇنى بەدەن تەرەپكە قارىتىپ قايرىيمىز، تەخمىنەن 20 سېكۇنت داۋاملاشتۇرۇپ، 3~2 قېتىم تەكرارلايمىز، مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ پەسىيىشىگە ئاساسەن، قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ قان ئايلىنىشى بىر قەدەر ناچار بولغاچقا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىككى پۇتتا قان نۆكچىسى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خالىغانچە ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ.
ياشانغانلارنىڭ پاقالچىقىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا، قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلىشى، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئامىلى بولمىسا، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، پۇت-قوللارنىڭ قان ئايلىنىشىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولغاندىلا، ئاندىن ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ئوكسىگېننى مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىگە يەتكۈزۈپ، مېتابولىزمدا پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى، پەي تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دائىم مۇسكۇللارنى سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ، ئاسان پەي تارتىشىپ قالىدىغان ئورۇنلارنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قىسمەن ئورۇنلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى