تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كوناشەھەر ناھىيەسى: قىزىل لازىدىن گۈللەنگەن تۇرمۇش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما لوڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىشقا ۋاقتىدا تەشكىللىدى. ھازىر، تېرىم يېزىسىدىكى 10 مىڭ مولۇق تەبىئىي قۇرۇتۇش بازىسىدا قىزىل لازىلار قۇرۇتۇش مەيدانىغا توشۇپ كەتتى، دېھقانلار قۇرۇتۇلغان لازىغا تايىنىپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  ئاتىكەمگۈل كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبۇغرا كەنتىدىكى نامرات كەنت ئاھالىسى، بۇ يىل ئۇ سەككىز مو يەرگە لازا تېرىغان بولسىمۇ، سېتىش يولىنى ئاچالمىدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئۈزگەن لاززىلىرىنى قۇرۇتۇپ تەييار قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن، ھازىر قۇرۇتۇلغان لازىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 35 يۈەندىن سېتىلىپ، يېڭى لازىنىڭ پايدىسىدىن ياخشى بولدى، بۇنىڭدىن ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى.

  ھازىر، تېرىم يېزىسىنىڭ خاس لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 800 موغا يېقىن بولۇپ، يىللىق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 60 توننىغا يېقىنلىشىدۇ، قۇرۇتۇلغان لازا زاكاز بويىچە قۇرۇتۇلۇپ سېتىۋېلىنىپ، دېھقانلار ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا قۇرۇتۇلغان لازىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

  تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبۇغرا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن يۇنۇسمۇ بۇ كەنتتىكى لازا تېرىش ماھىرى. بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسى جەمئىي سەككىز پارنىكتا لازا تېرىغانىدى، قەشقەر شەھىرىدىكى سودىگەرلەر ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇتۇلغان لازىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسىنى 35 يۈەندىن ھەممىسىنى زاكاز قىلدى، ئۇ لازا سېتىپلا 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن لازا تېرىقچىلىقىغا تايىنىپ ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى