تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەنتتە ئايلانما خوگو بار بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 7-ئايدا، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئات فېرمىسى ئاقباشئات كەنتىدە «ياخشى قېرىنداشلار ئايلانما خوگوخانىسى» تىجارەت باشلىدى.

  خوگوخانىغا كىرىپ، مېھمانلار ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشى بويىچە خوگو شورپىسىنى تاللايدۇ، ھەر بىرەيلەننىڭ ئالدىغا بىردىن كىچىك خوگو قازىنى قويۇلغان بولۇپ، بىر يەتكۈزۈش تاسمىسىدا بەسەي، دۇفۇ، بېلىق كومىلىچى... تەخسە-تەخسىلەرگە رەتلىك تىزىلغان، تۈرلىرى تولۇق بولغان زىخلىق يىمەكلىكلەر تەرتىپ بويىچە مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئاستا ئايلىنىپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، نېمىنى ياقتۇرسا شۇنى، قانچىلىك يېگىسى كەلسە شۇنچىلىك ئالغىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان خوگو يېيىش ئۇسۇلى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنى كېلىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

  «ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغاندا، بۇ خىل خوگو يېيىش ئۇسۇلىنى كۆرگەنىدىم، خوگونى بۇنداق يېگەندە ئىنتايىن يېڭى، پاكىز بولىدىغانلىقىنى، ئىسراپچىلىقنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى، سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، «90-يىللاردا تۇغۇلغان» خوگوخانا لوبىنى توختىمەمەت چىمىش.

  توختىمەمەت ئويلاشقا، قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ياش بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇ كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدىغان ھەرقانداق بىر خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ باقمىدى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ خوتۇنى بىلەن ناھىيە بازىرىدىن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم خىزمەت تېپىپ، نامرات ئائىلە قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. ھازىر، ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلى، يۇرتىغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولغان توختىمەمەت ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلدى.

  ئۆيىگە زىيارەتكە كەلگەن كەنت كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توختىمەمەتكە مەدەت بېرىپ: «كەنتتىكى تەرەققىيات بوشلۇقىمۇ ئىنتايىن چوڭ، سىلەر سىرتتا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن، كۆپنى كۆردۈڭلار، كەنتتە يوق، ئەمما سىلەر قىلالايدىغان ئىش بولسا، سىناپ بېقىڭلار، بىز سىزنى قوللايمىز» دېدى.

  بۇ گەپ توختىمەمەتتىكى ئەندىشىنى يوقاتتى. توختىمەمەت خوتۇنى بىلەن ئۇزۇن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئىگىلىك تىكلەش نىشانىنى خوگوخانا ئېچىشقا قاراتتى: «كەنتتە يوقنىلا ئەمەس بەلكى، يەنە ئەڭ يېڭىسىنى قىلايلى، ئايلانما خوگوخانا ئاچايلى، بىر ئادەمگە بىر قازان، پاكىز، تازىلىقى ياخشى.»

  شۇنداق قىلىپ، 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئايلانما خوگوخانىدا تىجارەت باشلاندى. دۇكاندىكى خام ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئەڭ يېڭى بولۇپ، كالا گۆشى ئاقچى ناھىيەسى توشقۇن دەرياسى بىڭچۇەن قوتاز باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن سېتىۋېلىندى، خوگو شورپىسى كالا سۆڭىكىنى قاينىتىپ تەييارلاندى، كۆكتاتلار شۇ جايدىكى تاللا بازىرىدىن سېتىۋېلىندى. توختىمەمەت مۇنداق دېدى: «بۇنداق بولغاندا، تىرانسپورت تەننەرخىنى تېجەپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، سۈپەتكىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».

  خوگوخانىدا تىجارەت باشلىنىپ، بىر ئايدىلا 13 مىڭ يۈەن كىرىم كىردى، بۇنداق ياخشى كىرىم توختىمەتنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.

  «نامرات ئائىلىدىن مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىشكىچە، ئاندىن يەنە بۈگۈنكى خوگوخانا لوبىنى بولغۇچە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بىز ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بارغانسېرى خاتىرجەم مېڭىۋاتىمىز.» كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا، توختىمەمەت مۇنداق دېدى: «مەن خوگوخانىنى ياخشى باشقۇرۇپ، كېيىن يەنە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسىدىن بىرنەچچىنى دۇكانغا شاگىرتلىققا ياكى مۇلازىمەتچىلىككە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىمۇ مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى